شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك داۋاملاشماقتا

ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىنلاردا ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئىزچىل تۈردە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشنى داۋاملاشتۇرغان.

28-فېۋرال فەيسبۇكتا تارقالغان سىندا ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە ھاشارغا سېلىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئەڭ ئېچىنىشلىق بولغىنى ئائىلىدىكى ئەرلەر تۈرمە ۋە جازا لاگېرىغا قامالغان بۈگۈنكى ئېغىر كۈنلەردە، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان كىشىلەرنىڭ قىز-ئاياللار ئىكەنلىكى بولغان.

خىتاي شەرقىي تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن بۇيان، مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن بولۇپ، ئەسلىدە خىتاي مەجبۇرىي ئەمگەك بولغان ھاشارغا ئائىلىدىكى ئەرلەرنى مەجبۇرلايدىغان بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە ئائىلىدىكى ئەرلەر تۈرمە ۋە لاگېرلارغا قامالغان بولغاچقا، ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرى ئائىلىنىڭ ئىشلىرىنى قىلغاندىن باشقا، ئېغىر ھاشارغا سېلىنماقتا.

خىتاي بۇنىڭدىن بۇرۇن ھاشار سىياسىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان تەۋەلىكىدە مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى ئېلان قىلىپ، يالغان تەشۋىقاتلىرى ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالدىماقچى بولغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە تېخىمۇ كۈچەيتىپ ئىجرا قىلماقتا. شەرقىي تۈركىستان خەلقى سىياسىي ئۆگىنىش قاتارلىق باھانىلەر بىلەن روھىي جەھەتتىن باستۇرۇلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ھاشار ۋە مەجبۇرىي ئەمگەكلەر بىلەن جىسمانىي جەھەتتىن خورلانماقتا.

ئىشغالىيەتچى خىتاي رېجىمى يېقىنقى يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئائىلىلەرنى پارچىلاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنى ئازايتىش، مەدەنىيىتىنى يوقىتىش ئۈچۈن بىر تەرەپتىن لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە قاماشنى زور دەرىجىدە كۈچەيتسە، يەنە بىر تەرەپتىن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ھەرخىل باھانىلەر بىلەن مەجبۇرىي ئەمگەككە سالماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1462 قېتىم كۆرۈلدى
02/03/2023 16:07:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق