مالايشىيادا زىيارەتتە بولۇۋاتقان خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتى مالايشىيادىكى زىيارەتلىرىنى داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، 28-فېۋرال مالايشىيا ۋە خەلقئارادا ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلىۋاتقان «ACCN» نىڭ رەئىسى دوكتور ھاجى جامالىدىن، سىرىلانكىلىق يېشىل فوندىنىڭ رەئىسى دوكتور سۇئاد ۋە خەلقئارا بەيتۇل مۇقەددەس ئىنستىتۇتىنىڭ رەئىسى دوكتور شەرىف ۋە دوكتور ئەيمەن قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشتى.
كۆرۈشۈشتە مالايشىيادا قىلىنماقچى بولغان شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى خىزمەتلىرىدە ھەمكارلىشىش مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىندى.
ھەيئەت 28-فېۋرال ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرى ئىسلام ئەقىدىسىنى تارقىتىش ئۈچۈن قىلىنغان كۈرەشلەر تەسۋىرلەنگەن «IMAM» ناملىق فىلىمنىڭ تۇنجى قويۇلۇش مۇراسىمىغا قاتناشقان بولۇپ، مۇراسىمدا مالايشىيادىكى ئەقىل ئامبىرى مۇتەخەسسىسلىرى، مىنىستىرلار، ئاكادېمىكلار، داڭلىق شەخسلەر، ژۇرنالىستلار ۋە داڭلىق سەنئەتكارلار ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن تونۇشقان ۋە ئۇلارنى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى ئەمەلىي قوللاشقا چاقىردى.
ھەيئەت بۈگۈن يەنە مالايشىيادىكى ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر تەشكىلاتى «My Generasi»نىڭ رەئىسى ۋە مۇدىرىيەت ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشكەن ھەمدە ئورتاق قىلىنماقچى بولغان خىزمەتلەرنى مۇزاكىرە قىلدى.
ھەيئەت زىيارەت ئاخىرىدا مەزكۇر تەشكىلات رەئىسىگە شەرقىي تۈركىستان بايرىقى چۈشۈرۈلگەن خاتىرە بۇيۇمى تەقدىم قىلدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ