خىتاي ئامېرىكىنىڭ رۇسىيەگە چېتىشلىق ئامىللار سەۋەبلىك خىتاي كارخانىلىرىنى جازالىغانلىقىغا قارىتا نارازىلىق بىلدۈردى.
خىتاي خەلق تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ 27-فېۋرال ئامېرىكىنىڭ رۇسىيەگە چېتىشلىق ئامىللار سەۋەبلىك خىتاي كارخانىلىرىنى جازالىغانلىقىغا قارىتا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، «قەتئىي ھالدا قارشى جازا تەدبىرى قوللىنىدىغانلىقى»نى دەۋا قىلغان.
خەۋەردە قەيت قىلىشىچە، ماۋ نىڭ 27-فېۋرالدىكى قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئامېرىكىنىڭ رۇسىيەگە چېتىشلىق ئامىللار سەۋەبلىك خىتاي كارخانىلىرىنى جازالاش قىلمىشى خىتاينىڭ مەنپەئەتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزگەنلىكىنى، خىتاينىڭ بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا قەتئىي قارشى جازا تەدبىرى قوللىنىدىغانلىقىنى، ھەمدە ئامېرىكا تەرەپكە بۇ مەسىلە ھەققىدە كەسكىن سۆزلىشىشنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلغىنىغا بىر يىل بولغان بىر پەيتتە، ئامېرىكا 24-فېۋرال بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىنىڭ كۆپ ساھەدە ئېكسپورتنى كونترول قىلىش ھەرىكىتى قوزغايدىغانلىقىنى، كونترول قىلىش ۋە ئېمبارگو تىزىملىكىدە خىتاي شىركەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 90 غا يېقىن رۇسىيە ۋە ئۈچىنچى دۆلەت شىركىتىنىڭ بارلىقىنى، مەزكۇر شىركەتلەرنىڭ ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ رۇسىيەنى جازالاش ئۈچۈن چېكىنگەن بوشلۇقنى تولدۇرۇپ، رۇسىيە مۇداپىئە تارماقلىرىنىڭ خەلقئارالىق جازادىن قېچىشىغا ياردەم بەرگەنلىكى سەۋەبلىك جازالىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ