خىتايغا ھەربىي ئاۋىياتسىيە چېرتيوژىنى ئەۋەتكەن ئامېرىكا شىركىتى جازالاندى

ئامېرىكىنىڭ ئېكسپورتنى كونترول قىلىش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغان ھالدا خىتايغا رۇخسەتسىز ھالدا ھەربىي ئاۋىياتسىيە چېرتيوژىنى ئەۋەتكەن ئامېرىكىنىڭ D3 لايىھەلەش ۋە بېسىش شىركىتىگە 27 مىليون دوللار جەرىمانە قويۇلدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى 27-فېۋرال يازما بايانات ئېلان قىلىپ، جەنۇبىي كارولىنا ئىشتاتىنىڭ روك خىلغا جايلاشقان «D3 سىستېمىسى» شىركىتىنىڭ ئامېرىكا خېرىدارلىرى تەمىنلىگەن لايىھە ھۆججىتى ۋە تېخنىكىلىق سانلىق مەلۇماتىنى D3 بېسىش مۇلازىمەت شىركىتىنىڭ خىتايدىكى تارمىقىغا ئېلېكتىرونلۇق يوللانما ئارقىلىق يوللىغانلىقىنى، بۇ ئېلېكتىرونلۇق يوللانمىدا ئالەم قاتنىشى تېخنىكىسىنىڭ لايىھەلىرى بارلىقىنى، ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشى ئۈچۈن ھۆكۈمەت تارقاتقان ئېكسپورت ئىجازەتنامىسى بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا سودا ئىشلىرى ئېكسپورتنى باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ ياردەمچى كاتىپى ماتېۋ ئاكسېلرود بۇ ھەقتە، خىتايغا ئېكسپورت كونترول قىلىنىدىغان ئالەم قاتنىشى ۋە ھەربىي ئېلېكتىرون مەھسۇلات پىلانىنى ئەۋەتىش ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

نۆۋەتتە ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى كېلىشىم ھاسىل قىلىپ، قائىدىگە خىلاپلىق قىلغان مەزكۇر D3 سىستېمىسى شىركىتىگە جەمئىي 27 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېقىن جەرىمانە قويۇشقا قوشۇلغان.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا دېيىلىشىچە، D3 سىستېمىسى شىركىتى 2012-يىلدىن 2018-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا ئېكسپورت ئىجازەتنامىسى ئالماي تۇرۇپ، خىتاي، گېرمانىيە ۋە تەيۋەننى تېخنىكىلىق سانلىق مەلۇمات بىلەن تەمىنلىگەن بولۇپ، قورال ئېكسپورتىنى كونترول قىلىش قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن يىلى 6-ئايدا بايدېن ھۆكۈمىتى ئامېرىكىدىكى ئۈچ D3 باسما مۇلازىمەت شىركىتىنى خىتاينى سۈنئىي ھەمراھ ۋە راكېتا تېخنىكىسى لايىھەلەش چېرتيوژىنى، شۇنداقلا باشقا مۇداپىئە تېخنىكىسى بىلەن تەمىنلىگەن دەپ ئەيىبلىگەن ھەمدە ئۈچ شىركەتنىڭ ماللىرىنى ئېكسپورت قىلىشىنى چەكلىگەن. بۇ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك باياناتتا خىتاي، ئىران، رۇسىيە ۋە شىمالىي كورىيە قاتارلىق ئامېرىكا دۈشمەنلىرى تىلغا ئېلىنغان. ئەمما ئامېرىكا قانۇن ئىجرا قىلىش خادىملىرىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھازىرغىچە ئامېرىكىنىڭ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىقتىسادىي بىخەتەرلىككە بولغان ئەڭ چوڭ تەھدىتى ئىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 740 قېتىم كۆرۈلدى
01/03/2023 18:25:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق