خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ نىلقا جەرەنتاي جىلغىسىدىكى قەدىمكى ئېگىز سۇپىلىق خارابىدىن سۆڭەكتىن ياسالغان كانكى ئايىغى قېزىۋالغان.
خىتاي ۋاڭ يى تورىنىڭ 26-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي 2022-يىللىق ئاتالمىش «شىنجاڭنى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش خىزمىتىدىن دوكلات بېرىش» يىغىنىدا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئېلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى نىلقا ناھىيەسى جەرەنتاي جىلغا ئېغىزىدىكى خارابىنىڭ ئېگىز سۇپىسىدىن ياغاچ ھارۋا چاقى ۋە ئۇنىڭ ئىككى گۇرۇپپا دېتاللىرىدىن 40 نەچچىنى قېزىۋالغانلىقىنى، بۇ بايقاش ھازىرغا قەدەر دەۋرى ئەڭ بۇرۇن، سانى ئەڭ كۆپ، ئەڭ مۇكەممەل ساقلانغان ياغاچ ھارۋا چاقى ئىكەنلىكىنى، ئۇندىن باشقا يەنە خارابىلىكتىن سۆڭەكتىن ياسالغان مۇز تېيىلىش ئايىغىنى تۇنجى قېتىم بايقىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، جەرەنتاي جىلغا ئېغىزى خارابىسى خارابە رايونى ۋە ئېگىز سۇپىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئىلى دەرياسى ۋادىسىدىكى نىلقا ناھىيەسى كۆكخوتقور موڭغۇل يېزىسى چالغىر كەنتىگە جايلاشقان. ئېگىز سۇپا جەرەنتاي جىلغا ئېغىزى خارابىسىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، شىمال تەرىپىنىڭ تۇرالغۇ رايونى بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن 1000 مېتىر كېلىدىكەن. تاغ ۋە سۇ بويىغا جايلاشقان ئېگىز سۇپا گەۋدىسى 120 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان تاش قۇرۇلمىلىق قۇرۇلۇش بولۇپ، تۆت ئەتراپىغا تاش تاختا بىلەن قورشاۋ تام قوپۇرۇلغان. تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئېگىز سۇپىلىق خارابىنىڭ يىل دەۋرى مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 16-ئەسىردىن مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 15-ئەسىرگىچە بولغان دەۋرگە تەۋە ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.
نىلقا ناھىيەسى جەرەنتاي جىلغا ئېغىزى خارابىسى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش تۈرىنىڭ يېتەكچىسى رۈەن چيۇرۇڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ياغاچ ھارۋا پارچىلىرى ئېگىز سۇپىلىق خارابىلىكنىڭ شەرقىي شىمالىدىن بايقالغان بولۇپ، 40 نەچچە ياغاچ ھارۋا پارچىلىرى ئىچىدە، ئويما ياغاچ چاق 11 دىن، ھارۋا شوتىسى، ھارۋا ئوقى، ھارۋا ساندۇقى قاتارلىق ياغاچ ماتېرىياللار 30 دىن ئاشىدىكەن ۋە مەزكۇر ھارۋا دەۋرىنىڭ بۇنىڭدىن 3500 يىل ئىلگىرى ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.
رۈەن چيۇرۇڭنىڭ ئېيتىشىچە، تۆت يىللىق قېزىش ئارقىلىق ئېگىز سۇپىلىق خارابىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك چوڭ تىپلىق قەبرە ئىكەنلىكى، بەلكىم خان قەبرىستانلىقى دەرىجىسىدىكى دەسلەپكى چارۋىچىلىق توپىنىڭ قەبرىسى بولۇشى مۇمكىن بولۇپ، بۇ ياۋروپا-ئاسىيا يايلىقىدىكى بىرونزا دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى قەبرىلەرنىڭ شەكلى، دەپنە ئېڭى، جەمئىيەت قۇرۇلمىسى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم رول ئوينايدىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ