ياپونىيە بىلەن يېڭى زېلاندىيە خىتايغا قارشى ھەمكارلىقنى كۈچەيتتى

ياپونىيە بىلەن يېڭى زېلاندىيە خىتايغا بولغان ئەندىشىسى سەۋەبلىك، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستىخبارات ئۇچۇرلىرىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش كېلىشىمىنى تېزلەتتى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ياپونىيە ۋە يېڭى زېلاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى 27-فېۋرال «ئىستىخباراتتىن ئورتاق بەھىرلىنىش كېلىشىمى» توغرىسىدىكى سۆھبەتنى تېزلىتىشكە قوشۇلغان. ئىككى ئارال دۆلىتى خىتاينىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكىتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى سەۋەبلىك ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ بىخەتەرلىك مۇناسىۋىتى ۋە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشكە ۋەدە بەرگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، يېڭى زېلاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نانايا ماھۇتا ۋە ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى يوشىماسا ھاياشى توكيودىكى سۆھبەتتە تىنچ ئوكيان ئارىلىنىڭ كېلىمات ئۆزگىرىشى، دېڭىز بىخەتەرلىكى ۋە ئۇل ئەسلىھە قاتارلىق مۇھىم نۇقتىلار ھەققىدە ھەمكارلىشىشقا قوشۇلغان.

ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋازارىتى ئېلان قىلغان باياناتتا، ئىككى دۆلەت خىتاينىڭ تەسىرى تېز سۈرئەتتە كېڭىيىۋاتقان بىر پەيتتە، تىنچ ئوكيان ئارىلى رايونىنىڭ مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقى، چوڭ-كىچىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بارلىق دۆلەتلەر چەتئەلنىڭ ئارىلىشىشى ۋە مەجبۇرلىشىغا دۇچ كەلمەسلىكى، ئۇلارنىڭ ئەركىنلىكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ قوغدىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن.

باياناتتا يەنە يېڭى دۆلەت بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيەسىگە ئاساسەن، ياپونىيە ئوخشاش پىكىردىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئەركىنلىك ۋە ئېچىۋېتىش قاتارلىق خەلقئارا تەرتىپنى قوغداشنى كېڭەيتىدىغانلىقى، ياپونىيە بىلەن يېڭى زېلاندىيە ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا، فۇمىئو كىشىدا ھۆكۈمىتى مۇھىم بىخەتەرلىك ۋە مۇداپىئە دەرىجىسىنى ئۆستۈرگەن. بۇنىڭ ئىچىدە 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ياپونىيە مۇداپىئەسىنىڭ ئۆزىنى قوغداش بىلەنلا چەكلىنىدىغان ھالەتنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، بەش يىل ئىچىدە مۇداپىئە چىقىمىنى بىر قاتلاشنى قارار قىلغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 644 قېتىم كۆرۈلدى
01/03/2023 15:53:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق