25-فېۋرالدىن بۇيان مالايشىيادا زىيارەتتە بولۇۋاتقان خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتى زىيارەتلىرىنى داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، 28-فېۋرال خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ تاشقى ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتى رەئىسى نۇرمۇھەممەد مەجىد تۈركىستانىي مالايشىيا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى.
ھەيئەت بۈگۈن يەنە مالايشىيادىكى مۇھىم ئەقىل ئامبىرى ۋە ئىقتىدارلىقلارنى تەربىيەلەش تەشكىلاتى بولغان «Benevolent Malaysia» نىڭ رەئىسى جۇفىتىرى جوھا ئەپەندىنى زىيارەت قىلدى.
زىيارەتتە شەرقىي تۈركىستانلىق ياشلارنى تەربىيەلەش مەسىلىسىدە ھەمكارلىق خىزمەتلىرى، كۈنتەرتىپتىكى مۇھىم مەسىلىلەر ۋە كەلگۈسى پىلانلار مۇزاكىرە قىلىندى.
ھەيئەت يەنە كۇئالالامپۇردا مالايشىيادىكى ئەڭ كۈچلۈك ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم تەشكىلاتى بولغان يەرشارى تىنچلىق بۇرچى تەشكىلاتىنىڭ (GPM) رەئىسى ۋە باشقۇرغۇچى ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى. كۆرۈشۈشتە تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ كەلگۈسىدە مالايشىيادا ئىشقا ئاشۇرماقچى بولغان پائالىيەتلىرى ۋە ئورتاق ھەمكارلىشىش ساھەلىرى ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈلدى.
ھەيئەت زىيارەت ئاخىرىدا يەرشارى تىنچلىق بۇرچى تەشكىلاتى رەئىسىگە شەرقىي تۈركىستان بايرىقى چۈشۈرۈلگەن خاتىرە بۇيۇمى ۋە شەرقىي تۈركىستان بايرىقى تەقدىم قىلدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ