كانادا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ تىك توك ئەپ دېتالىنى بارلىق ھۆكۈمەت ئۈسكۈنىلىرىدە ئىشلىتىشنى چەكلىدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، كانادا ھۆكۈمىتى 27-فېۋرال ھۆكۈمەت تارقاتقان بارلىق كۆچمە ئۈسكۈنىلەردە تىك توك دېتالىنى ئىشلىتىشنى چەكلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ غەربنىڭ خىتاي شىركىتىنىڭ سىن ھەمبەھرىلەش دېتالىغا بولغان ئەندىشىسىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرگەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، باش مىنىستىر جاستىن تىرۇدو بۇنىڭ بىرىنچى قەدەم بولۇشى مۇمكىنلىكىنى، بۇنىڭدىن كېيىن مەزكۇر خىتاي دېتالىغا قارشى تېخىمۇ كۆپ ھەرىكەتلەرنىڭ بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان.
تىرۇدو يەنە: «پەرىزىمچە، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ خىل ئورۇنلاشتۇرۇشى بارلىق فېدېراتسىيە خىزمەتچىلىرىگە ئۆزلىرىنىڭ خىزمەت تېلېفونىدا تىك توكنى ئەمدى ئىشلەتسە بولمايدىغانلىقىدىن بېشارەت بېرىدۇ. ھەمدە بارلىق شىركەت ۋە شەخسلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن كانادالىقلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ بارلىق سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈستىدە قايتا ئويلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشى مۇمكىن» دېگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىجرائىيە تارمىقى ئەمەلدارىنىڭ ئالدىنقى ھەپتە ئېيتىشىچە، تور بىخەتەرلىكى تەدبىرلىرىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىشلەتكەن تېلېفونلىرىدا تىك توك ئىشلىتىلىشىنى ۋاقتىنچە چەكلىگەن.
ئامېرىكا ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئىلگىرى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قەدەملەرنى تاشلىغان بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ يېرىمدىن كۆپرەك ئىشتات ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئامېرىكا پارلامېنتى تىك توكنى ھۆكۈمەت ئۈسكۈنىلىرىدە ئىشلىتىشنى رەسمىي چەكلىگەنىدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ