يېڭى يىلدىن بېرى 800 مىليارد كۇب مېتىردىن ئارتۇق گاز خىتايغا توشۇلغان

خىتاي ئاتالمىش «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش» نامىدا يېڭى يىل كىرگەندىن بۇيان جەمئىي 800 مىليارد كۇب مېتىردىن ئارتۇق تەبىئىي گازنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ، خىتايغا توشۇغان.

ئاتالمىش «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ 26-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي تۇرۇبا تورى گۇرۇھى غەربىي قىسىم تۇرۇبا يولى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي يېڭى يىل كىرگەندىن باشلاپ 2 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنىگىچە، ئاتالمىش غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش نامىدا مىقدارى 800 مىليارد كۇب مېتىردىن ئارتۇق گازنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ، خىتايغا توشۇپ كەتكەن.

خەۋەردە شەرقىي تۈركىستاندىن بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنغان گاز 400 شەھەردىن ئۆتۈپ، 500 مىليونغا يېقىن خىتاينى گاز بىلەن تەمىنلىگەن. ھازىرغا قەدەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ نېفىت ۋە گازلىرىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش رەزىل مەقسىتىدە شەرقىي تۈركسىتاندىن خىتايغا تۇتاشتۇرۇلغان ئاتالمىش غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش تۇرۇبىسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 20 مىڭ كىلومېتىردىن ئاشقان. نۆۋەتتە خىتاي ئاتالمىش غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش نامىدا ئۈچ لىنىيە ئارقىلىق بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولۇپ، خىتاي بۇنى تېخىمۇ كۆپەيتپ، ئاتالمىش غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش لىنىيەسنىڭ 4-تۇرۇبا يولى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى باشلىغان. بۇ لىنىيەنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 3340 كىلومېتىر بولۇپ، 2024 ـ يىلى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى مۆلچەرلەنگەن.

دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئېنېرگىيە ئىستېمالچىسى بولغان خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا نېفىتتىن باشقا ئالتۇن، پىلاتىنا، كۈمۈش، ئۇران ۋە كۆمۈر قاتارلىق نۇرغۇنلىغان يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى قىممەتلىك بايلىقلىرىمىزنى قېزىپ بۇلاڭ-تالاڭ قىلماقتا.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىۋاتقان بايلىقلارنى يەرلىك خەلقنىڭ مەنپەئەتىگە ئىشلىتىشنىڭ ئورنىغا، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى باستۇرۇش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، سۈرگۈن قىلىش، ھەتتا پۈتۈنلەي قىرغىن قىلىپ تۈگىتىپ، شەرقىي تۈركىستان زېمىنىنى تولۇق يۇتۇۋېلىشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1284 قېتىم كۆرۈلدى
28/02/2023 17:28:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق