ما شىڭرۈي خىتاي ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى بىلەن كۆرۈشتى

ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم»نىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي خىتاي ئىسلام دىنىي جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ياڭ فامىڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، شەرقىي تۈركىستاندا ئاتالمىش «ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش» رەزىل پىلانىنى مۇزاكىرە قىلدى.

خىتاي يېقىنقى يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى، جۈملىدىن ئىسلام دىنىي ۋە ئۇيغۇرلارغا قارىتا قىلىۋاتقان جىنايەتلىرىنى يالغان تەشۋىقاتلىرى ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەتتىن يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇش بىلەن بىرگە، ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا «ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، ئىسلام دىنىنى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش» دېگەندەك تېررور سىياسەتلىرىنى قاتتىق ئىجرا قىلماقتا.

خىتاي دېۋىزىيە تېلېۋىزىيە رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي 23-فېۋرال ئۈرۈمچىدە خىتاي ئىسلام دىنىي جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ياڭ فامىڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشكەن. كۆرۈشۈشتە شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلام دىنىنى قانداق قىلىپ خىتايلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلام دىنىنى سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە تېخىمۇ ئۇيغۇنلاشتۇرۇش مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلغان.

كۆرۈشۈشتە ما شىڭرۈي: «پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، توغرا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاتالمىش شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش كېرەكلىكىنى، شۇڭلاشقا ئىسلام دىنىي جەمئىيىتى ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش مەسىلىلىرىنى چۈشەندۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك» دەپ بىلجىرلىغان.

ياڭ فامىڭ خىتاي ئىسلام دىنىي جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇرۇپ: «ئىسلام دىنىي جەمئىيىتى فۇنكسىيەلىك رولىنى يەنىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭدا ئىسلام دىننى خىتايلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش زۆرۈر» دەپ بىلجىرلىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاتالمىش «مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى»نىڭ دىن ئىشلىرى ئىدارىسى يېقىندا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مەدەنىيىتى، مىللىي خاسلىقى ۋە دىنىي كىملىكىنى يوقىتىش مەقسىتىدە، ئاتالمىش «14-بەش يىللىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتىدىكى نەمۇنە رايون بەرپا قىلىش يىرىك پىلانى»نى بېسىپ تارقاتقان. بۇ قېتىم دىنىي ئىشلار ئىدارىسى ئېلان قىلغان پىلاندا شەرقىي تۈركىستاندا ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش» دېگەن سەپسەتىلەر تەكىتلەنگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1482 قېتىم كۆرۈلدى
27/02/2023 16:39:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق