تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتى مالايشىيا باش مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، تاشقى ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى، شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتى رەئىسى نۇرمۇھەممەد مەجىد تۈركىستانىي، تەشكىلاتلار بىرلىكى باش كاتىپى ئابدۇرېشىت ئەمىنھاجى ۋە ياۋروپا تاشقى ئىشلار مەسئۇلى نىجات تۇرغۇن قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان ھەيئەتنىڭ مالايشىيا زىيارىتى داۋام قىلماقتا.

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ ئالدىنقى سېپىنى پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىغا كېڭەيتىش مەسىلىسىدە ئىسلام دۇنياسىدىكى ھەر ساھە كىشىلىرىگە تونۇشتۇرۇش ۋە ئۇلارنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش مەسىلىسىدە يىللاردىن بۇيان ئىسلام دۇنياسىغا قاراتقان خىزمەتلىرىنىڭ سالمىقىنى كۈچەيتمەكتە.

25-فېۋرالدىن باشلاپ زىيارىتىنى رەسمىي باشلىغان ھەيئەت ئىككى كۈن ئىچىدە مالايشىيا دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە ھەرقايسى تەشكىلاتلار بىلەن كۆرۈشمەكتە.

ھەيئەت 26-فېۋرال مالايشىيا تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ تىنىچلىق ئورنىتىش ۋە ئىسلام دۈشمەنلىكىگە قارشى كۈرەش قىلىشتىكى ئالاھىدە ۋەكىلى دوكتور ئابدۇرازاق ئەھمەد بىلەن كۆرۈشتى ۋە كۈنتەرتىپتىكى مۇھىم مەسىلىلەر ۋە كەلگۈسى پىلانلار ھەققىدە مۇزاكىرە قىلدى.

ھەيئەت شۇ كۈنى يەنە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋە مالايشىيا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئافغانىستان ئالاھىدە ۋەكىلى دوكتور ئەھمەد ئەززام بىلەن كۆرۈشتى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، كۈنتەرتىپتىكى مۇھىم مەسىلىلەر ۋە بىرلىكتە قىلىشقا تېگىشلىك پىلانلارنى مۇزاكىرە قىلدى.

ھەيئەت بۈگۈن يەنە مالايشىيا باش مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن كۇئالالامپۇردا ئۆتكۈزۈلگەن ۋە باش مىنىستىر ئەنۋەر ئىبراھىم ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى زامبرى ئابدۇلقادىر، ھەرقايسى مىنستىرلار، دۆلەتلەرنىڭ باش ئەلچىلىرى ۋە دىپلوماتلار، تەتقىقاتچىلار، شۇنداقلا ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقان «خەلقئارا ئىسلام دۈشمەنلىكى مۇنبىرى»گە قاتناشتى ۋە باش مىنىستىر ئەنۋەر ئىبراھىم ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى زامبرى ئابدۇلقادىر بىلەن كۆرۈشتى. مۇنبەردە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىمۇ كۈنتەرتىپىگە كەلدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1285 قېتىم كۆرۈلدى
27/02/2023 16:33:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق