شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى نۇرمۇھەممەد مەجىد تۈركىستانىي بىلەن جەمئىيەتنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئۇدۇن ئەپەندى خەلقئارا مۇساپىرلار ھوقۇقى جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى.
ھەيئەتنى خەلقئارا مۇساپىرلار ھوقۇقى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئادۋۇكات ئابدۇرۇسۇل ئەپەندى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىدارە ھەيئەت ئەزالىرى ئىشخانىسىدا كۈتۈۋالدى.
كۆرۈشۈشتە، خەلقئارا مۇساپىرلار ھوقۇقى جەمئىيىتىنىڭ يېتەكچىلىرى بىلەن ھەيئەت بىرلىكتە تەييارلىغان پىلانلارنى قايسى ئۇسۇلدا ئەمەلگە ئاشۇرۇش قاتارلىق مەسلىلەر ھەققىدە سۆھبەتتە بولدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ