خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخاننىڭ يېتەكچىلىكىدىكى بىر ھەيئەت شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئىسلام دۇنياسىدا كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش دائىرىسىدە مالايشىيا زىيارىتىنى باشلىدى.
خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ ئالدىنقى سېپىنى پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىغا كېڭەيتىش مەسىلىسىدە ئىسلام دۇنياسىدىكى ھەر ساھە كىشىلىرىگە تونۇشتۇرۇش ۋە ئۇلارنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش مەسىلىسىدە يىللاردىن بۇيان ئىسلام دۇنياسىغا قاراتقان خىزمەتلىرىنىڭ سالمىقىنى كۈچەيتمەكتە.
تۈركىيەدىن كېيىنكى ئەڭ مۇھىم مەركەز ھالىغا كېلىشكە باشلىغان مالايشىياغا قىلىنغان بۇ قېتىملىق زىيارەت ھەيئىتى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، باش كاتىپ ئابدۇرېشىت ئەمىنھاجى، بىرلىكنىڭ ياۋروپا تاشقى ئىشلار مەسئۇلى نىجات تۇرغۇن قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، 24-فېۋرال يولغا چىقىپ، 25-فېۋرال زىيارىتىنى رەسىمىي باشلىدى.
ھەيئەت زىيارەتنىڭ تۇنجى كۈنى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئىزچىل قوللاپ كېلىۋاتقان مالايشىيا ئىسلام ياشلار ھەرىكىتى بىلەن خەلقئارالىق تىنچلىق ئەلچىسى تەشكىلاتى مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشتى.
كۆرۈشۈشتە، تەشكىلات مەسئۇللىرى بىلەن مالايشىيادا قىلىنىشقا تېگىشلىك پائالىيەتلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ