شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىدىكى ئۇستازلاردىن تەشكىللەنگەن بىر ھەيئەت تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسىدە زىيارەتتە بولدى.
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىسى دوكتور ئالىمجان بۇغدا باشچىلىقىدىكى بىر ھەيئەت تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسىدە زىيارەتتە بولدى. ھەيئەتنى تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوتسېنت دوكتور سەلىم ئەرگۈن كۈتۈۋالدى.
زىيارەت جەريانىدا ھەيئەت ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ۋاكالىتەن 6-فېۋرال تۈركىيەدە مەيدانغا كەلگەن يەر تەۋرەش ئاپىتى ئۈچۈن تەزىيە بىلدۈردى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ باشتىن ئاخىر ئاپەت رايونىدىكى قېرىنداشلىرىنىڭ يېنىدا بولغانلىقىنى ۋە قولىدىن كەلگەن ھەر تۈرلۈك ياردەمگە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ئەھۋالى، بولۇپمۇ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى سىياسەت ئىجرا قىلىپ، خەلقنى قىرغىن قىلىۋاتقانلىقىنى قىسقىچە تونۇشتۇردى. ئۇندىن باشقا شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ نۆۋەتتە قىلىۋاتقان خىزمەتلىرى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەردى.
ئۇچرىشىش جەريانىدا يەنە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تەلەپلىرى يەتكۈزۈلۈش بىلەن بىرگە، ئىختىساسلىق ئۇيغۇر ئۆلىمالارنى يېتىشتۈرۈش ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.
ھەيئەت يەنە تۈركىيە دىن ئىشلىرى ئالىي كېڭىشىدە زىيارەتتە بولغان بولۇپ، ھەيئەتنى دىن ئىشلىرى ئالىي كېڭىشى رەئىس ۋەكىلى دوكتۇر فاتىھ مۇھەممەد ئايدىن كۈتۈۋالدى.
ئۇچرىشىش جەريانىدا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى، شەرقىي تۈركسىتان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان خىزمەتلىرى، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى پەتىۋا بۆلۈمىنىڭ خىزمەتلىرى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بىرىلدى.
ئۇچرىشىش جەريانىدا دىن ئىشلىرى ئالىي كېڭىشىنىڭ قەرەللىك يىغىنلىرىغا شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى پەتىۋا بۆلۈمىدىن ۋەكىل قاتنىشىش، ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىش قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.
بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىسى دوكتور ئالىمجان بۇغدا ئۇيغۇر ئۆلىمالىرى ئىچىدىن ئىختىساسلىق ئۆلىمالارنى يېتىشتۈرۈش ھەققىدىكى پىلانلىرى ھەققىدە سورىغان سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ: «شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك بەخىتكە ئېرىشتۈرىدىغان توغرا يولغا يېتەكلەش ئۆلىمالىرىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى ئىكەنلىكىنى، ئۆلىمالارنىڭ خەلقنى توغرا يولغا يېتەكلىشى ئۈچۈن ئۆلىمالىرىمىز ئىچىدە ئىختىساسلىق ئۆلىمالارنىڭ تېخىمۇ كۆپ بولۇشى زۆرۈر ئىكەنلىكىنى، بۇ نىشانغا يېتىش ئۈچۈن مەخسۇس پىلان تەييارلاۋاتقانلىقىنى، بۇ پىلان پۈتكەندىن كېيىن تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسىغا سۇنىدىغانلىقىنى، تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسىمۇ بۇ پىلاننى ھەر جەھەتتىن قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى» ئېيتتى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ