خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇش پىلانى دائىرىسىدە 19-فېۋرال چىڭداۋ ئاۋىياتسىيەسى خىتاينىڭ لەنجۇ بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ قومۇل ۋە غۇلجا ئارىلىقىدا قاتنايدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى يولغا قويغان.
خىتاي خەلق تورىنىڭ 23-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، مەزكۇر ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە ھەپتە ئىچىدە دۈشەنبە، چارشەنبە، جۈمە، يەكشەنبە كۈنلىرى تۆت نۆۋەتچى ئايروپىلان قاتنايدىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە قومۇل ئىۋىرغول ئايرودۇرۇمىدا ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن ۋە يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن شەرقىي تۈركىستان ئىچى-سىرتىدىكى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى 10 غا، ئايروپىلان قاتنايدىغان شەھەر 12 گە يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە كورلا، ئاقسۇ، ئۈرۈمچى، شىخەنزە، غۇلجىدىن ئىبارەت شەرقىي تۈركىستان ئىچىدىكى بەش شەھەر ۋە خىتاينىڭ گۇاڭجۇ، جېڭجوۋ، لەنجۇ، چۇڭچىڭ، چېڭدۇ، شىئەن قاتارلىق شەرقىي تۈركىستان سىرتىدىكى يەتتە شەھەر بار ئىكەن.
خىتاي دائىرىلىرى شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەرگە قاماپ، شەرقىي تۈركىستان ياشلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرى ۋە باشقا رايونلارغا سۈرگۈن قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنى ئازايتىپ، ئورنىغا خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى تېزلەتمەكتە. ئۇندىن باشقا يەنە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھاۋا قاتنىشى، تۆمۈر يول ۋە تاشيوللىرىنى خىتايغا ئېچىۋېتىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلماقتا.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ