خىتاي ChatGPT نى چەكلىگەن تۇنجى دۆلەتكە ئايلاندى

خىتاينىڭ رەسمىي تاراتقۇلىرى ChatGPT نىڭ ئامېرىكىنىڭ ئۆزىنىڭ سىياسىي پىكىرلىرىنى تارقىتىشىغا ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

«Nikkei Asia»نىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، خىتايدىكى تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ ئۆز سۇپىلىرى ئارقىلىق ChatGPT ياكى ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مۇلازىمەتلەرنى بېرىشى مەنئى قىلىنغان.

خىتاي تاراتقۇلىرىدىكى خەۋەرلەردە، ئامېرىكىدىكى سۈنئىي ئىدراك شىركىتى OpenAI تەرىپىدىن تەتقىق قىلىپ چىقىلغان ChatGPT نىڭ ئىگىلىك ھوقۇققا زىيان يەتكۈزىدىغان يالغان ئۇچۇرلارنى تارقاتقانلىقى توغرىسىدىكى بايانلار بار، دېيىلگەن.

خىتاي كۈندىلىك گېزىتى خىتايدىكى ئەڭ چوڭ ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسى ۋېيبودا بۇ تېمىدا يازما ھەمبەھرىلىگەن بولۇپ، مەزكۇر يازمىدا ChatGPT نىڭ ئامېرىكىغا «تەتۈر تەشۋىقات ۋە ئۆزىنىڭ سىياسىي پىكىرلىرىنى تارقىتىش» مەسىلىسىدە ياردەم قىلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاي رېجىمىنىڭ تەشۋىقات ئورگىنى بولغان مەزكۇر گېزىت ئېلان قىلغان سىندا، ChatGPT  دىن ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» ھەققىدە سوئال سورالغان بولۇپ، ChatGPT خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر ھەققىدە جاۋاب بەرگەنلىكىنى كۆرسىتىلىپ تۇرۇپ سۆز قىلغان خىتاي رىياسەتچى: «ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي پىكىرلىرىگە ماس ھالدا ناھايىتى ياخشى يېزىلغان بىر جاۋاب» دەپ خىتاي رېجىمىنىڭ بۇنى چەكلىشىنى توغرا، دەپ كۆرسىتىشكە تىرىشقان.

بۇ پاراڭلىشىش سۇپىسى خىتايدىكى ئەڭ چوڭ ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسى بولغان ئۈندىداردىكى ئۈچىنچى تەرەپ ئەپلىرى قاتارىغىمۇ قويۇلغان بولۇپ، يېڭى قارار بىلەن تەڭ ئۈندىدارنىڭ ساھىبى تېخنىكا ماگناتى تېڭشۈننىڭمۇ ئاگاھلاندۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغانلىقى ۋە مەزكۇر سۇپىنىڭ زىيارەتكە تاقالغانلىقى بايان قىلىنغان.

بۇ ھەرىكەتتىن كېيىن، خىتاينىڭ ChatGPT نى چەكلىگەن تۇنجى دۆلەت ئىكەنلىكى توغرىسىدا ھەرخىل خەۋەرلەر يېزىلىشقا باشلىدى.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 948 قېتىم كۆرۈلدى
25/02/2023 14:37:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق