تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى چيۇ كو چېڭ خىتاي ئارمىيىسىنىڭ بىر يىل ئىلگىرى باشلانغان رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزىدىن ساۋاق ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.
تورىنىڭ 24-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى چيۇ كو چېڭ: «خىتاي ئارمىيىسى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشىدىن تەيۋەنگە قارىتىلغان ھەر قانداق ھۇجۇمنىڭ تېزدىن غەلىبە قىلىشى كېرەكلىكىنى ئۆگەندى، ئەمما تەيۋەن بوغۇزى ئۇنى قىيىنلاشتۇرۇۋېتىدۇ» دېدى.
ئۇرۇشنىڭ خىتاينىڭ ھەربىي تەپەككۇرىغا كۆرە تەيۋەنگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ۋە بېيجىڭنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقلۇق خىتاي زېمىنى دەپ قارىغان تەيۋەنگە قانداق ھۇجۇم قىلىشى تەيبېيدىكى ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئارىسىدا كەڭ مۇنازىرە قىلىندى.
تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى چيۇ كۇ چېڭ تەيبېيدە پارلامېنتتا مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە: «رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ئۇلارغا زور ساۋاق بەردى. ئۇلار جەزمەن تېز بولۇشقا تىرىشىدۇ» دېدى ۋە خىتاي ئارمىيىسىگە ئىشارەت قىلىپ: گەرچە خىتاي ئارمىيىسى تېز ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىغان تەقدىردىمۇ، ئۇلار تەيۋەن بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتۈشكە مەجبۇر بولىدىغانلىقى ئۈچۈن، تەيۋەننى چاقماق تېزلىكىدە تارتىۋېلىشتا قىينىلىدۇ، دېدى ۋە تەيۋەننى كونترول قىلىش ئۈچۈن ھەربىي كۈچ ئىشلىتىشنى نەزەردىن ساقىت قىلمىغان خىتاي رېجىمىنىڭ ھەر كۈنى دېگۈدەك ئارالغا يېقىن جايدا ھەربىي چارلاش تەشكىللەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
يەنە بىر تەرەپتىن تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن كەچتىن بۈگۈن ئەتىگەنگىچە ئارال ئەتراپىدا خىتاينىڭ 37 ھەربىي ئايروپىلانى ۋە 6 ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ كۆرۈلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
ئارال ئەتراپىدا بايقالغان 37 ھەربىي ئايروپىلان ۋە 6 ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ ئېلېكترونلۇق ئىز قوغلاش ئۈسكۈنىسى، چارلاش ئايروپىلانى، پاراخوت ۋە قۇرۇقلۇق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى تەرىپىدىن ئىز قوغلانغانلىقى بايان قىلىندى.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر