چەرچەن ناھىيەسىدە يەر تەۋرىدى

شەرقىي تۈركىستاننىڭ كورلا تەۋەسىدىكى چەرچەن ناھىيەسىدە 3.3 بال يەر تەۋرىدى.

خىتاي يەر تەۋرەش ئەھۋالىدىن مەلۇمات بېرىش ئىدارىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 23-فېۋرال ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 18:58 دە بايىنغولىن ئوبلاستى چەرچەن ناھىيەسىدە (شىمالىي كەڭلىك 39.59 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 83.98 گىرادۇس) 3.3 بال يەر تەۋرىگەن. تەۋرەش مەركىزىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 40 كىلومېتىر ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.

خەۋەردە يەر تەۋرەش مەركىزىنىڭ 5 كىلومېتىر ئەتراپىنىڭ ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى دېڭىز يۈزىدىن 1046 مېتىر ئېگىز ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

خىتاي يەر تەۋرەش ئەھۋالىدىن مەلۇمات بېرىش تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىنقى بەش يىل ئىچىدە يەر تەۋرەش مەركىزىنىڭ 200 كىلومېتىر ئىچىدە 3 بالدىن يۇقىرى 186 قېتىم يەر تەۋرىگەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئېغىر بولغىنى بۇ يىل 20-يانۋار شايار ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن 6.1 بال تەۋرەش ئىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1582 قېتىم كۆرۈلدى
24/02/2023 16:59:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق