ب د ت رۇسىيەدىن دەرھال ئەسكەر چېكىندۈرۈشنى تەلەپ قىلدى

ب د ت ئومۇمىي يىغىنىدا 141 دۆلەت بېلەت تاشلاپ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىن ئەسكەرلىرىنى دەرھال چېكىندۈرۈشنى تەلەپ قىلغان بولۇپ، خىتاي ئاۋاز بېرىشتىن ۋاز كەچتى.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 23-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشى دۈشەنبە كۈنى ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلغان رۇسىيە ئەسكەرلىرىنى «دەرھال» چېكىندۈرۈش چاقىرىقىنى ماقۇللىغان. كۆپ سانلىق دۆلەتنىڭ قوللىشى بىلەن ماقۇللانغان قاراردا «ئادىل ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك» تىنچلىق مۇھىتىنى بەرپا قىلىش تەلەپ قىلىنغان. بېلەت تاشلاش نەتىجىسىدە 141 ئاۋاز قارارنى قوللاپ بېلەت تاشلىغان. يەتتە ئاۋاز قارشى بىلەت تاشلاپ، 32 ئاۋاز ھوقۇقىدىن ۋاز كەچكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ھوقۇقىدىن ۋاز كەچكەن دۆلەتلەر خىتاي ۋە ھىندىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان 32 دۆلەت ئىكەن. قارشى بېلەت تاشلىغۇچىلار: رۇسىيە، بېلارۇسىيە، سۇرىيە، شىمالىي كورىيە، مالى، نىكاراگۇئا ۋە ئېرىترېيە قاتارلىق يەتتە دۆلەت ئىكەن.

فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى 23-فېۋرالدىكى سۆزىدە: «بىز خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى ۋە پۈتكۈل خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن ھەمكارلاشماقتىمىز، ئۇرۇش جىنايەتچىلىرى، ئۇرۇشقا مەسئۇل بولغۇچىلار جازادىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، مەن ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ قانداق ئەھۋالدا قالىدىغانلىقىنى پەرەز قىلالمايمەن، ئەمما پاكىت ۋە مەسئۇلىيەت ئىسپاتلانسا، ئەيىبلىنىش ئېھتىماللىقى بار» دېگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 980 قېتىم كۆرۈلدى
24/02/2023 16:49:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق