خىتاي رېجىمى خىتاي-رۇسىيە چېگراسىدىكى يەر نامىنى تۇيۇقسىز ئۆزگەرتتى

يېقىندا رۇسىيەنىڭ يېقىن دوستى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن خىتاي رېجىمى خىتاي-رۇسىيە چېگراسىدىكى يەر نامىنى تۇيۇقسىز ئۆزگەرتىشنى پىلانلىغان.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 23-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى يېقىندا خەرىتە مەزمۇنىغا ئائىت يېڭى بەلگىلىمە چىقارغان بولۇپ، بۇنىڭدا ھازىرقى رۇسىيە ئۇسلۇبىدىكى جۇغراپىيەلىك ئىسىمدىن باشقا، خىتاي-رۇسىيە چېگراسىدىكى سەككىز جۇغراپىيەلىك ئىسىمغا خىتايچە كونا ئىسىملارنىڭ قويۇلۇشى تەلەپ قىلىنغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسى 14-فېۋرال «ئاممىۋى خەرىتە مەزمۇنىغا ئائىت بەلگىلىمە» نى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇنىڭدا ھازىرقى رۇسىيە ئۇسلۇبىدىكى جۇغراپىيەلىك ئىسىمدىن باشقا، خىتاينىڭ خېيلۇڭجياڭغا تۇتىشىدىغان خىتاي-رۇسىيە چېگراسىدىكى سەككىز جۇغراپىيەلىك ئىسىمغا خىتايچە كونا ئىسىملارنىڭ قوشۇلۇشىنى تەلەپ قىلغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ يەرلەرنىڭ ھەممىسى ئىلگىرى خىتايغا تەۋە بولۇپ، 1858-يىلى چىڭ سۇلالىسى رۇسلار بىلەن قىلغان ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، رۇسىيە بىلەن «ئايگۇن شەرتنامىسى» ۋە «بېيجىڭ شەرتنامىسى» ئىمزالاپ مەزكۇر زېمىننى رۇسىيەگە بەرگەن.

كېيىنكى خىتاي رېجىمى جاڭ زېمىن ھاكىمىيەت بېشىغا چىققانغا قەدەر بۇ شەرتنامىلەرنىڭ قانۇنلۇق ۋە كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمىغان. 100 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت داۋامىدا، خىتاي-رۇسىيە چېگرا تالاش-تارتىشى داۋاملاشقان، ھەتتا 1960-يىللاردا ئۇرۇش قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، جاڭ زېمىن ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن، رۇسىيە بىلەن شەرتنامە ئىمزالاپ خىتاي زېمىنىنىڭ بىر مىليون كىۋادرات كىلومېتىردىن ئاشىدىغان يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان سەككىز رايوننى رۇسىيەگە بەرگەن. جاڭ زېمىن يەنە خىتاينىڭ شەرقىي شىمالىدىكى دېڭىزغا چۈشىدىغان تۇمىنجياڭ دېڭىز بويىنى رۇسىيەگە ېېرىپ، خىتاينىڭ شەرقىي شىمالىدىكى ياپونىيە دېڭىز بويىغا تۇتىشىدىغان چىقىش ئېغىزىنى تاقىغان.

نۆۋەتتە خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى رۇسىيەنىڭ پۈتۈن دۇنيا تەرىپىدىن تۈرلۈك جازاغا ئۇچراۋاتقان بىر پەيتكە توغرا كېلىشى، خىتاينىڭ توپىلاڭدىن توغاچ ئوغرىلاش ۋە رۇسىيەنىڭ ئاجىز ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ ئۆز مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1437 قېتىم كۆرۈلدى
24/02/2023 16:32:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق