شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ئىزچىل داۋام قىلماقتا

خىتاي خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداش تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئىزچىل تۈردە مەجبۇرىي ئەمگەككە سالماقتا.

ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىنلاردىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئىنتايىن تۆۋەن ئىش ھەققى بىلەن مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش جىنايىتىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرغان.

تارقالغان سىننىڭ بىرىدە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەلۇم رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ئورنىنىڭ چوڭ زالىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان يۈزلىگەن ئاياللار رەتلىك تۇرغۇزۇلۇپ، خىتاينىڭ ئاتالمىش «دۆلەت شېئىرى»نى خىتايچە ئوقۇشقا مەجبۇرلانغان بولۇپ، مەزكۇر ئاياللارنىڭ ئەسكەرچە تىزىلىپ ناخشا ئېيتىشى قاتتىق باشقۇرۇش تۈزۈمىدە باشقۇرۇلۇۋاتقان تۈرمىدىكى جىنايەتچىلەرنى ئەسلەتمەكتە، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئېغىر مەجبۇرلاش ۋاسىتىلىرى بىلەن كونترول قىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.

يەنە بىر سىندا ئاياللارنىڭ ھەرخىل كەشتىلەرنى تىكىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ جىددىي مەشغۇلات قىلىۋاتقانلىقى بېرىلگەن ۋەزىپىنىڭ ئىنتايىن ئېغىر ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە.

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش قىلمىشى خەلقئارا جەمئىيەتكە ئاشكارىلانغان بىر ۋەزىيەتتە، خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداش تەشۋىقاتلىرىنى كۈچەيتمەكتە. بۇ ھەقتە گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مەجبۇرىي ئەمگەك مەيدانلىرىدىكى تاماقنىڭ سۈپىتى ئىنتايىن ناچار بولغاندىن باشقا، ئىنتايىن تۆۋەن ئىش ھەققى بەرگەننى ئاز دەپ، ئاي ئاخىرىدا تاماق پۇلىنى تۇتۇپ قېلىپ ئاشقىنىنى بېرىدىكەن. بۇ سەۋەبلىك ئىشچىلارنىڭ قولىغا تېخىمۇ ئاز پۇل تېگىدىكەن.

خىتاي يېقىنقى يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئائىلىلەرنى پارچىلاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنى ئازايتىش، مەدەنىيىتىنى يوقىتىش ئۈچۈن بىر تەرەپتىن جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەرگە قاماپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى زور دەرىجىدە كۈچەيتسە، يەنە بىر تەرەپتىن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ھەرخىل باھانىلەر بىلەن خىتاي زاۋۇتلىرىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سالماقتا.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1245 قېتىم كۆرۈلدى
24/02/2023 16:18:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق