خىتاي بىلەن ھىندىستان چېگرا مەسىلىسىدە يۈزتۇرانە كۆرۈشتى

خىتاي بىلەن ھىندىستان ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان توختاپ قالغان چېگرا مەسىلىسى توغرىسىدا تۇنجى قېتىم يۈزتۇرانە كۆرۈشكەن بولسىمۇ، بىراق ھېچقانداق بۆسۈش ھاسىل قىلىنمىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 22-فېۋرال خىتاي بىلەن ھىندىستاننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان تۇنجى قېتىم يۈزتۇرانە سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. گەرچە ئىككى تەرەپ سۆھبەتكە ئىجابىي باھا بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما چېگرا مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشتا زور بۆسۈش ھاسىل قىلغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر ئېلان قىلمىغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئورگان تورىدا ئېلان قىلغان خەۋەردە دېيىلىشىچە،  تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ چېگرا ۋە ئوكيان ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ باش دىرېكتورى خوڭ لياڭ بىلەن ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەرقىي ئاسىيا ئىشلىرى بۆلۈمى ۋە قوشۇمچە تاشقى ئىشلار ئىشخانىسىنىڭ بىرلەشمە كاتىپى ئامبېر لې شۇ كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن خىتاي-ھىندىستان چېگرا ئىشلىرى مەسلىھەت بېرىش خىزمەت مېخانىزمىنىڭ بىرىنچى يىغىنىغا بىرلىكتە رىياسەتچىلىك قىلغان.

ئىككى تەرەپ 26-قېتىملىق يىغىندا چېگرا كونترول قىلىشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن ئىجابىي تەرەققىياتلارنى كۆزدىن كەچۈرگەن. گالۋان ۋادىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۆت ئورۇندا ئىككى تەرەپ چېگرا قوغداش قىسىملىرىنىڭ چېكىنىشىنىڭ نەتىجىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كېيىنكى باسقۇچتىكى تەدبىرلەر ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرغان.

ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا دېيىلىشىچە، ئەسكەر چېكىندۈرۈش تەدبىرلىرى ئىككى تەرەپ چېگراسىنىڭ غەربىي بۆلىكىدىكى ئەمەلىي كونترول سىزىقى بويىدىكى رايونلارنىڭ تىنچلىقىنى قوغداشقا ياردىمى بولىدىكەن ھەمدە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى نورمال مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە شارائىت يارىتىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئىككى تەرەپ تالاش-تارتىش قىلىۋاتقان رايون شەرق، غەرب ئىككى بۆلەككە بۆلۈنگەن بولۇپ، غەرب تەرەپتىكى 35 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىرلىق بۆلىكى شەرقىي تۈركىستاندىكى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ باشقۇرۇشىدا، شەرق تەرەپتىكى 90 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىرلىق بۆلىكى ھىندىستاننىڭ باشقۇرۇشىدا بولۇپ كەلگەن. ئەمما ھىندىستان بۇ رايونلارنى كەشمىر رايونىغا تەۋە دەپ ئېلان قىلغان.

يېقىندا خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا توقۇنۇشى كەلتۈرۈپ چىقارغان جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش ئۈچۈن، ئىككى تەرەپنىڭ چېگرا مۇداپىئە ھەربىي قوماندانلىرى بىر قانچە قېتىم سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ نۆۋەتلىك سۆھبەتنىڭ چېگرا ۋەزىيىتىنى پەسەيتىشتە ئىجابىي ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى ئېيتقان. بىراق ھىندىستان ئەمەلدارلىرى سۆھبەتكە چېتىشلىق قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

«ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى» بەرگەن خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، بىر قىسىم ھىندىستان ئەمەلدارلىرى خىتاي ئارمىيەسىنىڭ يەنىلا مۇھىم بارماق رايونى ۋە داپساڭ ئويمانلىقىغا ئورۇنلاشقانلىقى سۆھبەتتىكى سەزگۈر مەسىلە بولۇپ، بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ۋاقىت كېتىدىكەن. ھىندىستان ھەربىي مەنبەلىرى ھىندىستان بىلەن خىتاي داپساڭ ئويمانلىقى ۋە باڭگۇڭ كۆلى رايونىدىكى ئەمەلىي كونترول لىنىيەسىنى كەسكىن تالاش-تارتىش قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 817 قېتىم كۆرۈلدى
24/02/2023 16:03:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق