ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى خىتاينى ئاگاھلاندۇردى

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى خىتاينى رۇسىيەنى ئەجەللىك قوراللار بىلەن تەمىنلىمەسلىككە چاقىرىپ، ئەكسىچە بولغاندا ئاقىۋىتىنىڭ ئېغىر بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىغا بىر يىل بولغان بىر پەيتتە، بەشبۇرجەكلىك بىنانىڭ مۇئاۋىن باياناتچىسى سابرىنا سىنگى چارشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، خىتاينىڭ رۇسىيەنى ئەجەللىك قوراللار بىلەن تەمىنلىشى مۇمكىنلىكى توغرىسىدىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ: «بىز تېخى خىتاينىڭ رۇسىيەنى ئەجەللىك قوراللار بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى بايقىمىدۇق، ئەمما خىتاي بۇنداق قىلىشنى چەتكە قاقمىدى. تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن ئالدىنقى ھەپتە گېرمانىيەدە ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشكەندە پوزىتسىيەمىزنى ئېنىق بىلدۈردى. بىز بۇ يەردە شۇنى قايتا تەكىتلەيمىزكى، ئەگەر خىتاي رۇسىيە بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرىدىكەن، ئۇنداقتا خىتايغا ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرىدۇ» دېدى.

بىلدۈرۈلۈشىچە، سىنگى رۇسىيەنى قورالغا ئېھتىياجلىق ئۆزەك بىلەن تەمىنلەشنىڭ ئەجەللىك قورال بىلەن تەمىنلىگەنلىك بولىدىغان-بولمايدىغانلىقىنى ئېيتمىغان. گەرچە ئۇ خىتاينىڭ رۇسىيەنى ئەجەللىك قوراللار بىلەن تەمىنلەش مەسىلىسىنىڭ ئاقىۋىتىنى كونكرېت ئاشكارىلىمىغان بولسىمۇ: «ھۆكۈمەت ئاشكارا ۋە خۇسۇسىي ئالاقە ئارقىلىق خىتاي رۇسىيەنى ئەجەللىك قوراللار بىلەن تەمىنلەپ قالسا، خىتاينىڭ ئېغىر ئاقىۋەتكە دۇچ كېلىشى مۇمكىنلىكىنى ئېنىق ئىپادە قىلدى، ئەمما مەن بۇ يەردە مەزكۇر مەسىلىنى قايتا تەكىتلىمەيمەن» دېگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 946 قېتىم كۆرۈلدى
23/02/2023 15:33:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق