رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن 22-فېۋرال موسكۋادا خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بۆلۈمىنىڭ ئەزاسى، تاشقى ئىشلار خىزمىتى كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشتى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئورگان تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋاڭ يى كۆرۈشۈشتە نۆۋەتتىكى خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ مۇرەككەپ ۋە كەسكىن ئىكەنلىكىنى، كەسكىن ۋەزىيەتتە خىتاي-رۇسىيە مۇناسىۋىتى خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ سىنىقىنى باشتىن كەچۈرۈپ، پىشىپ يېتىلىپ مۇستەھكەملەنگەنلىكىنى، دائىم كىرىزىس ۋە قالايمىقانچىلىقلارغا ئۇچراپ تۇرغانلىقىنى، خىرىس بىلەن پۇرسەتنىڭ تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغانلىقىنى، خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ئاساسىدىكى ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئەزەلدىن ئۈچىنچى تەرەپكە قارىتىلمىغانلىقىنى، ئۈچىنچى تەرەپنىڭ مەجبۇرلىشىنى تېخىمۇ قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى، خىتاي رۇسىيە بىلەن بىرلىكتە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
پۇتىن كۆرۈشۈشتە نۆۋەتتە رۇسىيە-خىتاي مۇناسىۋىتى بەلگىلەنگەن نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلىگەنلىكىنى، ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى ھەمدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك تەشكىلاتلاردىكى ماسلىشىشى مول نەتىجىلەرگە ئېرىشكەنلىكىنى، خەلقئارا ئىشلاردا ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئارقىلىق خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ تەڭپۇڭ، مۇقىم بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئىككى تەرەپ يەنە ئۇكرائىنا مەسىلىسى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرغان بولۇپ، خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋاڭ يى رۇسىيەنىڭ سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەنلىكىگە ئاپىرىن ئوقۇيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ