تاجىكىستاندىكى يەر تەۋرەش شەرقىي تۈركىستانغا تەسىر قىلدى

بۈگۈن سەھەر تاجىكىستاندا 7.2 بال يەر تەۋرىگەن بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەشقەر، ئاقسۇ قاتارلىق رايونلىرىدىكى خەلق كۈچلۈك تەۋرىنىشنى ھېس قىلغان.

خىتاي يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 23-فېۋرال شۇ جاي ۋاقتى سائەت 8 دىن 37 مىنۇت ئۆتكەندە تاجىكىستاندا (شىمالىي كەڭلىك 37.98 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 73.29 گىرادۇس) 7.2 بال يەر تەۋرىگەن. تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 10 كىلومېتىرغا يەتكەن.

تەۋرەش مەركىزىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا ئەڭ يېقىن يېرى تەخمىنەن 82 كىلومېتىر بولۇپ، قەشقەر، ئاتۇش، ئاقسۇ قاتارلىق ۋىلايەتلەردىكى خەلق يەر تەۋرەشنى ئېنىق ھېس قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، 23-فېۋرال شۇ جاي ۋاقتى سائەت 8 دىن 55 مىنۇت ئۆتكەندە تاجىكىستاندا (شىمالىي كەڭلىك 38.09 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 73.25 گىرادۇس) 4.8 بال يەر تەۋرىگەن. تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 10 كىلومېتىرغا يەتكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1353 قېتىم كۆرۈلدى
23/02/2023 15:14:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق