خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ پاختا يىپلىرىنى مەخسۇس پويىز بىلەن بۇلاڭ-تالاڭ قىلماقتا

پاختا يىپىنىڭ خەلقئارادىكى باھاسىنىڭ شىددەت بىلەن ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاندا پىششىقلاپ ئىشلەنگەن پاختا يىپلارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشنى كۈچەيتكەن بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ئەلا سۈپەتلىك پاختا يىپلار خىتاي ئۆلكىلىرىگە مەخسۇس پويىز بىلەن توشۇلماقتا.

خىتاي خەلق تورىنىڭ 21-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، پاختا يىپى ۋە پاختا يىپىدا ئىشلەنگەن رەخت بازىرىنىڭ خەلقئارادىكى ئېھتىياجى ھەمدە قىممىتى كۈنسېرى ئېشىۋاتقان بولۇپ، خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاننىڭ پاختا يىپلىرىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ، يېڭىدىن مەخسۇس پويىز بىلەن خىتايغا توشۇشنى يولغا قويغان.

خىتاي تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى قەشقەر يۈك تىرانسپورت مەركىزىي بۆلۈمىنىڭ ئېيتىشىچە:«بۇ يىل شەرقىي تۈركىستاندىكى تۆمۈريول تارماقلىرى كۆپ مىقدارلىق ماللارنى توشۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلغان بولۇپ، بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ يىل خىتاي رېجىمى گۇاڭدۇڭ فوشەننى ھەر ئايدا شەرقىي تۈركىستاندا پىششىقلانغان 6500 توننا پاختا يىپى بىلەن تەمىنلەش كېلىشىمى ئىمزالىغان.

دۇڭچۈنشىڭ توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ توشۇش كەسپىگە مەسئۇل خادىملارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مەزكۇر شىركەتنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا 1 مىليون ئۇرچۇقلۇق پاختا يىپ پىششىقلاش كۆلىمى بار ئىكەن. نۆۋەتتە مەزكۇر شىركەت شەرقىي تۈركىستاندا بىر يىلدا پىششىقلاپ ئىشلىگەن 130 مىڭ توننا پاختا يىپى مەھسۇلاتىنىڭ 60 ىنى گۇاڭدۇڭ بازىرىغا، 40 ىنى جياڭسۇ، جېجياڭ قاتارلىق خىتاي ئۆلكىلىرىگە توشۇيدىكەن. 1 - ئايدىن ھازىرغىچە 10 مىڭ توننىدىن ئارتۇق پاختا يىپ تۆمۈريول ئارقىلىق خىتايغا توشۇلغان.

شەرقىي تۈركىستاننىڭ پاختا مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنىڭ خەلقئارادا نامى بار بولۇپ، نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستان خىتاينىڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا ئايلانغان. خىتاي خەلقئارا بازارغا سالغان پاختا مەھسۇلاتلىرىنىڭ 90 تىن كۆپرەكى شەرقىي تۈركىستاندىن بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنغان بولۇپ، پاختا ئاساسلىقى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى ۋە قەشقەر ۋىلايىتىدىن چىقىدۇ. خىتاي خەۋەر مەنبەلىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، 2022-يىلى خىتاينىڭ پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاندا ئىشقا كىرىشتۈرگەن پاختا يىپ ئېگىرىش كۆلىمى 22 مىليون 150 مىڭ ئۇرچۇق يىپقا يەتكەن. شەرقىي تۈركىستان پاختىسى ئىنتايىن ئەلا سۈپەتلىك بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى رەخت توقۇش، گۈل بېسىش ۋە بوياش، كىيىم-كېچەك كارخانىلىرىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەنىدى. خىتاي مەجبۇرىي ئەمگەك جىنايەتلىرى ۋە جازا لاگېرلىرى سەۋەبلىك ئامېرىكا ۋە بىر قانچە غەرب دۆلەتلىرىدە نۆۋەتتە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىغا ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلغان پاختا مەھسۇلاتلىرى چەكلەنگەنىدى. نۆۋەتتە خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ۋاسىتىسى بىلەن توقۇلغان پاختا يىپلىرىنى گۇاڭدۇڭ، جېجياڭ، جياڭسۇ قاتارلىق ئۆلكىلىرىدىكى توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك كەسپىي مەركەزلەشكەن رايونلارغا توشۇماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1165 قېتىم كۆرۈلدى
23/02/2023 15:02:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق