ھىندونېزىيە خىتاينىڭ زوراۋانلىقىغا باش ئەگمىدى

ھىندونېزىيە خىتاينىڭ نارازىلىقى ۋە زوراۋانلىق قىلمىشىغا پىسەنت قىلماي، جەنۇبىي دېڭىزنىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىنى داۋاملىق قازماقتا.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ھىندونېزىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم دۆلەتلەر خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى زېمىن دەۋاسىغا قەتئىي قارشى تۇرۇپ كەلگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتى ناتۇنا ئارىلىدا (Natuna Islands) نېفىت ۋە تەبىئىي گاز بايىلىقىنى ئېچىش ھەققىدە دەسلەپكى پىلاننى تەستىقلىغان. 2021-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، ھىندونېزىيەنىڭ بۇ رايوندا تەبىئىي گاز بۇرغىلاش ھەرىكىتىگە خىتاي نارازىلىق بىلدۈرگەن. گەرچە ئەينى ۋاقىتتا جاكارتا گاز بۇرغىلاشنى توختاتقان بولسىمۇ، بىراق نۆۋەتتە ھىندونېزىيە خىتاينىڭ نارازىلىقىغا پىسەنت قىلماي تەبىئىي گاز بۇرغىلاشنى داۋاملاشتۇرغان.

پارامادىنا ئۇنۋېرسىتىتنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئەل ئاراف (Al Araf) ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىغا: «مېنىڭچە ھىندونېزىيەنىڭ ناتۇنا رايونىدا تەبىئىي گاز بۇرغىلاش ھەرىكىتى ناتۇنا ئارىلىنىڭ ھىندونېزىيە زېمىنى ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ھىندونېزىيە ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇنداق قىلىشقا ھوقۇقلۇق» دېگەن.

ھىندونېزىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى تۇكو فايزاشاھ

( Teuku Faizasyah ) بۇ ھەقتە: «ھىندونېزىيەنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىدىكى پائالىيىتى خەلقئارا دېڭىز قانۇنىنى ئاساس قىلىدۇ، ھىندونېزىيەنىڭ مەيدانى جەنۇبىي دېڭىزدا داۋام قىلغان زېمىن دەۋاسى ۋە تالاش-تارتىشلار بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق» دېگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، رايوندا تەبىئىي گاز قىدىرىپ تەكشۈرۈشنىڭ ئەسلىگە كېلىشى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ دۆلەت بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنىڭ كۈچىيىشىنىڭ ئالامىتى ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ھىندونېزىيە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىچىدە ئۇزۇندىن بۇيان خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى زېمىن داۋاسىغا قارشى تۇرۇش بىلەن بىرگە، نورمال سودا مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ كەلگەن ئەمما نۆۋەتتە ھىندونېزىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم دۆلەتلەر خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى زېمىن دەۋاسىغا قەتئىي قارشى تۇرماقتىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 987 قېتىم كۆرۈلدى
22/02/2023 18:19:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق