خىتاي غەربكە قانداق قارشى تۇرۇش توغرىسىدا رۇسىيە بىلەن سۆھبەتلەشتى

خىتاي تاشقى ئىشلار ئەمەلدارى ۋاڭ يى 21-فېۋرال رۇسىيە بىخەتەرلىك ئەمەلدارى پاتروشېف بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇكرائىنادا بىر يىل داۋاملاشقان ئۇرۇشنى قانداق ئاخىرلاشتۇرۇشنى مۇزاكىرە قىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي رۇسىيە بىلەن غەربكە قانداق قارشى تۇرۇش توغرىسىدا سۆھبەتلەشكەن. خىتاي تاراتقۇسى شىنخۇا ئاگېنتلىقى خىتاي بىلەن رۇسىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۇچرىشىشىنى «خىتاي-رۇسىيە ئىستراتېگىيەلىك بىخەتەرلىك مەسلىھەت مېخانىزمى رەھبەرلىك ئۇچرىشىشى» دەپ تەسۋىرلىگەن. ئىككى تەرەپ ئۇچرىشىشتا ئىككى تەرەپنىڭ نۆۋەتتىكى خەلقئارا ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىيەتنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى ۋە ھەر خىل بىر تەرەپلىمە بوزەك قىلىشقا قانداق قارشى تۇرىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغاندىن باشقا ئىككى تەرەپ يەنە ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە پىكىر ئالماشتۇرغان.

رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋاڭ يى سۆھبەت جەريانىدا خىتاي-رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ مۇستەھكەم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. پاتروشېف ئىككى تەرەپ ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، غەربنىڭ رۇسىيە ۋە خىتاينى كونترول قىلىش ئۇرۇنۇشىغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، رۇسىيە ئۆتكەن يىلى 24-فېۋرال ئۇكرائىناغا قاراتقان ھەربىي تاجاۋۇزچىلىقىنى باشلىغاندىن بۇيان، خىتاي موسكۋانىڭ تاجاۋۇزچىلىق قىلمىشىنى ئەيىبلەشنى رەت قىلىپلا قالماي، موسكۋاغا قارىتىلغان ئورتاق جازا ھەرىكىتىگە قاتنىشىشنى رەت قىلغان. ئۇندىن باشقا خىتاي رۇسىيەنى دائىم دىپلوماتىيە جەھەتتىن قوللىغان ھەمدە خەلقئارا جەمئىيەت يولغا قويغان قائىدىنى رەت قىلىپ، رۇسىيەنىڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گاز مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالغان، شۇنداقلا رۇسىيەنى ئىقتىسادىي مەنبە بىلەن تەمىنلىگەن. خىتاي يەنە رۇسىيەگە يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئۆزىكى ۋە رۇسىيە ئارمىيەسى ئېھتىياجلىق بولغان باشقا ئىلغار تېخنىكا ۋە مەھسۇلاتلارنى سېتىپ بەرگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 865 قېتىم كۆرۈلدى
22/02/2023 18:12:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق