ئامېرىكا بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ خىتاينىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا رۇسىيەگە قىلغان ھەربىي ياردىمى ھەققىدىكى ئەندىشىسى كۈچەيمەكتە.
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسى 21-فېۋرال «ۋال كوچىسى گېزىتى» نىڭ خەۋىرىنى نەقىل ئېلىپ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا خىتاينى ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا رۇسىيەنى قورال بىلەن تەمىنلىمەسلىكىگە ئاگاھلاندۇرغان. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن خىتاينىڭ رۇسىيە-ئۇكرائىنا توقۇنۇشىدا رۇسىيەگە قورال ياردىمى بېرىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى، ئەگەر قورال-ياراق ياردىمى بېرىلگەن تەقدىردە ئاقىۋەتنىڭ ئېغىر بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.
ئىلگىرى ۋال كوچىسى گېزىتى ئېلان قىلغان سودا سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرى ئارقىلىق ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا رۇسىيە قىسىملىرىنى قوللىغان.
غەرب ئەمەلدارلىرى، بىخەتەرلىك ئانالىزچىلىرى ۋە تاموژنا سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، غەرب ھۆكۈمەتلىرى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇش تەمىناتىنى ئۈزمەكچى بولغان بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، خىتاي رۇسىيەگە كىچىك تىپتىكى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئېكسپورتى قىلغان بولۇپ، بۇ كىرېمىل سارىيىنى ئۇكرائىنا قىسىملىرىنى ئۈنۈملۈك نىشانلاش تېخنىكىسى بىلەن تەمىنلىگەن. خىتاينىڭ سودا ساھەسىدىكى بىر قىسىم ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرىنىڭ تاموژنا خاتىرىسىگە قارىغاندا، خىتاينىڭ شېنجېنغا جايلاشقان داجياڭ يېڭىلىق يارىتىش پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى بىر قىسىم ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنى ئۇرۇش ئالدىنقى سېپىگە توشۇغان. ئۇندىن باشقا قىسمەن ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئارقىلىق ئۇرۇش ئالدىنقى سېپىگە يەتكۈزۈلگەن.
غەربنىڭ رۇسىيەنىڭ ئۇرۇشنى داۋام قىلىش ئىقتىدارىنى چەكلەش ئۈچۈن قىلغان بېسىمى كەڭ كۆلەمدە داۋام قىلغان بولسىمۇ، بىراق رۇسىيەنىڭ خىتايدا ياسالغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنى ئۇكرائىنا ئۇرۇش مەيدانىغا داۋاملىق ئورۇنلاشتۇرۇشى رۇسىيە ئارمىيەسىنى مۇھىم تەمىناتقا ئىگە قىلغان.
تاموژنا خاتىرىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي مۇداپىئە شىركەتلىرى رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە شىركەتلىرىگە يول باشلاش ئەسلىھەلىرى، رادارغا كاشىلا پەيدا قىلىش تېخنىكىسى ۋە كۈرەشچى ئايروپىلان زاپچاسلىرىنى توشۇغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ