خىتاينىڭ 2021-يىلدىكى كانادا سايلىمىنى قالايمىقانلاشتۇرىدىغان مۇرەككەپ ئىستراتېگىيەلىك سۇيىقەستكە قاتناشقانلىقى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، ئاۋسترالىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى كىلارې ئونېل (Clare O’Neil)ئاۋسترالىيەنىڭ دېموكراتىك مۇساپىسىگە تەسىر كۆرسىتىشنى ئويلاۋاتقان چەت ئەل كۈچلىرىگە ئوچۇق-ئاشكارا ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.
ئاۋسترالىيەلىكلەر تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئونېل خانىمنىڭ ئاگاھلاندۇرۇش باياناتى سەيشەنبە كۈنى ئاۋسترالىيە بىخەتەرلىك ئاخبارات تەشكىلاتىنىڭ باش ئەمەلدارى مايك بۇرگېسن يىللىق دۆلەت تەھدىتىنى باھالاش دوكلاتى ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن ئېلان قىلىنغان.
دوكلاتتا ئاۋسترالىيەگە قارشى جاسۇسلۇق، چەتئەلنىڭ ئارىلىشىشى، تېررورلۇق ۋە بىر قاتار تەھدىتلەر ھەققىدىكى بىخەتەرلىك ئارخىپىنىڭ يېڭىلانغان نۇسخىسى ئېلان قىلىنغان.
كىلارې ئونېل ئاگاھلاندۇرۇش باياناتىدا: «بىز ھەر قانداق ئەھۋالدا چەتئەل ھۆكۈمەتلىرىنىڭ دېموكراتىيە تۈزۈلمىمىزگە يوشۇرۇن تەسىر كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇشىغا يول قويمايمىز، شۇنى تەكىتلەش كېرەككى، چەت ئەلنىڭ ئارىلىشىشى پەقەت بىر نەچچە دۆلەتتىن كېلىدۇ» دېگەن.
ئۇ سۆزىدە يەنە «چەت ئەلنىڭ ئارىلىشىش ھەرىكىتى توختاۋسىز، ھىيلىگەرلىك بىلەن شەخسلەرگە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، بىزنىڭ دېموكراتىك مۇساپىمىزنى تۈپتىن بۇزىدۇ. ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى دېموكراتىيەمىزنى قوغداش ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە تىرىشىۋاتىدۇ ۋە ئۇنى ئاجىزلاشتۇرۇش ئۇرۇنىشىغا قارشى تۇرىدۇ» دېگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، ئۆتكەن يىلى ئاۋسترالىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك جاسۇسلۇق ئورگىنىنىڭ باشلىقى بۇرگېس 2022-يىلدىكى فېدېراتسىيە سايلىمىنىڭ نەتىجىسىگە تەسىر كۆرسىتىش ئۇرۇنۇشىنى مەغلۇپ قىلغانلىقىنى ئېيتقان. گەرچە ئۇ خىتاينىڭ بۇ پىلاننىڭ ئارقىسىدا ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئاخبارات ساھەسىدىكى شەخسلەرنىڭ قارىشىچە، ئۇنىڭ بۇ سۆزى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى قوللىغان خىتاي سودىگىرىنىڭ ئاۋسترالىيە ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ نامزاتلىرىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلىمەكچى بولغانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.
ئاۋسترالىيە ئاخبارات جەمئىيىتىدىكى بىر قانچە مەنبەلەر دوكلاتنىڭ توغرىلىقى ۋە ئاخباراتنىڭ ئاشكارىلىنىپ كەتكەنلىكىنى دەلىللىگەن. خىتاينىڭ ئارىلىشىش ئىستراتېگىيەسىنىڭ مەركىزى نۇقتىسى خىتاينىڭ تەيۋەن مەسىلىسىدىكى مەيدانىغا ھېسداشلىق قىلىدىغان پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ سايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىكەن.
مەزكۇر ھۆججەتتە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي دىپلوماتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ۋاكالەتچىلىرى، جۈملىدىن خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى كاناداغا بېسىم ئىشلىتىپ، كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ خىتاينى كۆپ تەنقىد قىلىدىغانلىقىنى، ئەگەر سايلامدا ئۇتۇپ قالسا، ئاقىۋىتى ئامېرىكىنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپقا ئوخشاپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ