خىتاي ئاقتۇ ناھىيەسىدە مەخسۇس تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى قوزغىدى

خىتاي رېجىمى ھەرخىل ناملار بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى تۇتقۇن قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ قېتىم ئاقتۇ ناھىيەسىدە ئاتالمىش «باھار گۈلدۈرماما ھەرىكىتى» نامىدا مەخسۇس تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى قوزغىغان.

ئاقتۇ ناھىيەلىك ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىنى ئاقتۇ ناھىيەلىك سوت مەھكىمىسى ئالاھىدە قوزغىغان بولۇپ، 16-فېۋرال خىتاي رېجىمى قىسمەن ئاھالىلەرنى ساقچىخانىغا مەجبۇرىي چاقىرىپ كېلىپ، تۇتقۇن قىلغان. قىسمەنلىرىنى ئائىلىسىگە كىرىپ تۇتقۇن قىلغان.

خەۋەردە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ سەككىز سائەت ھەرىكەت قىلىش ئارقىلىق تۆت دېلونى پاش قىلغانلىقى، بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك سەككىز ئادەمنى تۇتقۇن قىلىپ، تۆت ئادەمنى رەسمىي توختىتىپ قويغانلىقى بىلدۈرۈلگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ نېمە سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ياكى توختىتىپ قويۇلغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر بەرمىگەن.

ئۇندىن باشقا خىتاي دىۋىزىيە تورىنىڭ 14-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، قەشقەر مارالبېشى تۇمشۇق شەھىرىدىمۇ ئوخشاشلا ئاتالمىش «باھار گۈلدۈرماما ھەرىكىتى» نامىدا مەخسۇس ھەرىكەت ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، مەلۇم بولۇشىچە خىتاي ئاتالمىش «باھار گۈلدۈرماما ھەرىكىتى» نامىدىكى مەخسۇس تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىنى قەشقەر ۋىلايىتىگە تەۋە ھەرقايسى ناھىيەلەردە ئومۇميۈزلۈك قوزغىغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1107 قېتىم كۆرۈلدى
22/02/2023 17:53:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق