خىتاينىڭ كانادانى جاسۇسلۇق نىشانى قىلغانلىقى ئاشكارىلاندى

كانادا ئاخبارات ئورگىنى خىتاي رېجىمىنىڭ كانادانىڭ سىياسىي ۋە سودا ساھەسىدىكىلەرنى جاسۇسلۇق نىشانى قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ كانادا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىنى نەقىل قىلىپ خەۋەر قىلىشىچە، كانادا سىياسىيونلىرى، ئەمەلدارلىرى ۋە سودىگەرلىرى خىتاينىڭ جاسۇسلۇق ھەرىكىتىنىڭ ئاساسلىق نىشانىغا ئايلانغان. خىتاي رەزىل مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، قارا چاپلاش، پارىخورلۇق ۋە جىنسىي پاراكەندىچىلىك قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللانغان بولۇپ، ھەتتا خىتاي ئىگىلىكىدىكى «خىتاي بانكىسى»دىن پايدىلىنىپ تاشقى جەھەتتىن كانادانىڭ ئىچكى ۋەزىيىتىگە تەسىر كۆرسىتىشكە ئۇرۇنغان.

كانادا «يەر شارى پوچتا گېزىتى» 20-فېۋرال كانادا بىخەتەرلىك ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ مۇتلەق مەخپىي ھۆججەتلىرىنى ئىگىلىگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان بولۇپ، ھۆججەتتە خىتاينىڭ كانادادىكى جاسۇسلۇق ھەرىكىتى بايان قىلىنغان.

«يەر شارى پوچتا گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە يەنە 2022-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى مەخپىيەتلىك قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن دوكلاتتا، خىتايدىكى ئاساسلىق بانكىلارنىڭ بىرى بولغان خىتاي بانكىسىغا چەتئەلدىكى كونسۇلخانىلارغا ئۆزى تۇرۇشلۇق دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى پۇل-مۇئامىلە ئورگانلىرىغا قاتنىشىشنى ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەكلىكى تاپىلانغان.

مەزكۇر گېزىت تەرىپىدىن تەكشۈرۈلگەن باشقا يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆججەتلەردە ئاشكارىلىنىشچە، خىتاينىڭ كانادانىڭ دېموكراتىيە تۈزۈلمىسىگە ئارىلىشىش، سىياسەتچىلەر، داڭلىق سودىگەرلەر، ئاكادېمىكلار ۋە كانادا نوپۇسىغا ئۆتكەن خىتايلارغا تەسىر كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇشتەك كەڭ جاسۇسلۇق ئىستراتېگىيەسى بايان قىلىنغان.

كانادا ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ جاسۇسلۇق ھەرىكىتىدىكى ئومۇمىي نىشانى سىياسىي، ئىقتىسادىي، پەن-تېخنىكا ۋە ھەربىي ئاخباراتقا ئېرىشىش ھەمدە ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنى باستۇرۇش، پىكىر ئەركىنلىكىنى باستۇرۇش ۋە كانادادىكى خىتاي سىياسىتىنى تەنقىد قىلغۇچىلارنى جىمىقتۇرۇش ياكى ئۇلارنى يېنىغا تارتىش ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ ۋانكوۋېردا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسىنىڭ باياناتچىسى جۈمە كۈنى خىتاينىڭ كانادا سايلىمىغا ئارىلاشقانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنى رەت قىلىپ، بەزى كانادا تاراتقۇلىرىنىڭ كانادا فېدېراتسىيە سايلىمىغا ئارىلاشقانلىق خەۋىرىنى تەكرارلاپ يامان غەرەزدە خىتايغا تۆھمەت قىلغانلىقىنى، خىتاي تەرەپنىڭ بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 810 قېتىم كۆرۈلدى
21/02/2023 16:59:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق