6-فېۋرال قەھرىمانماراشتا يۈز بەرگەن ۋە 10 ۋىلايەتكە ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىن دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەر مەخسۇس قۇتقۇزۇش خادىملىرىنى ئەۋەتىپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىگە ياردەمدە بولدى.
شۇنىڭ جۈملىسىدىن خىتايمۇ قۇتقۇزۇش خادىملىرى ئەۋەتكەن بولۇپ، ئەمما خىتاينىڭ بىر قانچە كۈنلۈك قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى جەريانىدا پۈتۈن غېمىنىڭ ئادەم قۇتقۇزۇشتىن بەكرەك ئۆزىنى كۆز-كۆز قىلىش، خىتاي رېجىمىنى تەشۋىق قىلىشقا ئۇرۇنۇشلىرى ۋە ھەتتا خىتاينىڭ رەسمىي تاراتقۇلىرىنىڭ كىشىلەرنى دۆلەتكە قارشى گەپ قىلىپ بېرىش بەدىلىگە ئۇلارغا پۇل تەكلىپ قىلغانلىقىدەك نومۇسسىزلىقلار ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا جىددىي غۇلغۇلا قوزغىدى.
خىتايدىن كەلگەن خادىملارنىڭ تۇنجىسى خوڭكوڭدىن كەلگەن بولۇپ، ئۇلار ھاتايغا 8- فېۋرال چۈشۈپ بولغان بولسىمۇ، خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن ئەۋەتىلگەن خادىملار كېلىپ بولغۇچە ئۇلارنى قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىگە قاتناشماسلىققا بۇيرۇغان بولۇپ، خوڭكوڭدىن كەلگەنلەر ئەڭ ئېھتىياجلىق پەيتلەردە ياردەمنى باشلىيالمىغان. خىتاي ئەترىتى كەلگەندىن كېيىنمۇ دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتمەستىن مەخسۇس بايراق چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشى، قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنىڭ كېچىكىپ باشلىنىشى، ھېچقانداق دۆلەتنىڭ قۇتقۇزۇش خادىملىرىدا كۆرۈلمىگەن تەرىقىدە بارغان ھەر يەردە خارابىلىك ئۈستىگە بايرىقىنى قادىۋېلىشى، ھەتتا تەيۋەندىن كەلگەن قۇتقۇزۇش خادىملىرىنىمۇ خىتاي ئۆزىنىڭ قىلىپ كۆرسىتىشى دېگەندەك نومۇسسىزلىقلار تۈرك خەلقىنىڭلا غەزىپىنى قوزغاپ قالماستىن، خوڭكوڭلۇقلارنىڭ ۋە تەيۋەنلىكلەرنىڭمۇ غەزىپىنى قوزغىغان.
بۇلاردىن سىرت، خىتاينىڭ ئىرېلاندىيەدىكى كونسۇلخانا خادىمى تۈركىيەدىكى چاناققەلئە كۆۋرۈكىنى چىقىرىپ، بۇنى «خىتاي سالغان كۆۋرۈك» دەپ دەۋا قىلغان ۋە قاتتىق يەر تەۋرەشتە مۇستەھكەم تۇرغانلىقىنى كۆز-كۆز قىلىپ، «خىتاي تېخنىكىسى» دېگەن ھەشتەگ بىلەن ھەمبەھرىلىگەن.
ئەمما چاناققەلئە كۆۋرۈكنىڭ خىتاي بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق بولۇپ، تۈركىيە بىلەن كورىيە بىرلىكتە سالغان. شۇنداقلا يەر تەۋرىگەن قەھرىمانماراش بىلەن چاناققەلئە ئارىسىدا 1000 كىلومېتىر ئارىلىق بار بولۇپ، بۇ يەردە يەر تەۋرىمىگەن.
خىتاينىڭ مەزكۇر ساختا تەشۋىقاتىنى خىتاينىڭ فىرانسىيە قاتارلىق باشقا دۆلەتلەردىكى كونسۇلخانىلىرىمۇ بەس-بەستە تارقىتىشقان بولۇپ، بۇ يالغانچىلىق قاتتىق ئەيىبلەنگەندىن كېيىن خىتاي ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى دەرھال ئۆچۈرۈشكە باشلىغان. خىتاينىڭ بۇ نومۇسسىزلىقى نۇرغۇن نوپۇزلۇق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىمۇ قاتتىق ئەيىبلەندى.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر