خىتاي رېجىمىنىڭ ئۇيغۇرلارنى جاسۇسلۇققا سالماقچى بولغانلىقى ئاشكارىلاندى

خىتاي رېجىمى ئەنگلىيەدە پاناھلىق تىلىگەن بىر ئۇيغۇرنى نەچچە مىڭ دوللار ۋە تۈرلۈك ۋەدىلەر بىلەن جاسۇسلۇققا سالماقچى بولغان.

LBC رادىيوسىنىڭ 20-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي بىخەتەرلىك خادىمى خىتاي رېجىمىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ ئەنگلىيەدە پاناھلىق تىلىگەن بىر ئۇيغۇرنى ھەر ئايدا نەچچە مىڭ دوللار بېرىپ، جاسۇسلۇققا سېلىشقا ئۇرۇنغان.

تېلېفون خاتىرىسىگە ئاساسلانغاندا خىتاي بىخەتەرلىك خادىمى نۆۋەتتە ئەنگلىيەدىن پاناھلىق تىلەپ ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ نامىنى بۇلغاش مەقسىتىدە، بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى جاسۇسلۇققا سالماقچى بولغان. خىتاي خادىم پاناھلىق تىلىگۈچى ئۇيغۇرغا: «خىزمەت ۋاقتى نورمال، ئاسان خىزمەتلەر بار، ئايدا 8000 دوللارغىچە كىرىم قىلالايسەن. بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن بىزنى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىشىڭ كېرەك» دېگەن.

پاناھلىق تىلىگۈچى ئۇيغۇر مۇخبىرغا مەزكۇر خىتاي خادىمنىڭ ئۇنى ئەنگلىيەدىكى نامايىش ۋە ئۇيغۇر جەمئىيەتلىرىنىڭ يىغىلىشلىرىغا قاتنىشىش، رازۋېدكا قىلىش ئارقىلىق، نامايىشقا قاتناشقۇچىلارنىڭ ئەھۋالىنى، تىزىملىكىنى دوكلات قىلىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئېيتقان. خىتاي بىخەتەرلىك خادىمى ئۇ ئۇيغۇرغا يەنە مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسىملىرىنى خاتىرىلەش ۋە بەزى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ نېمە ئىشلارنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى بايقاشنى تەلەپ قىلغان.

خىتاي خادىمى پۇلدىن باشقا، يەنە ئۇ ئۇيغۇر كىشىنىڭ ئانىسى بىلەن نورمال ئالاقىلىشىشىغا رۇخسەت قىلىش، بالىسىنى ئەنگلىيەگە ئەۋەتىپ بېرىش، تۈرمە ياكى جازا لاگېرىدا ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بولسا، ئەركىنلىككە چىقىرىش قاتارلىق ۋەدىلەرنى بەرگەن.

مەزكۇر ئۇيغۇر مۇخبىرغا ئۆزىنىڭ ياشىنىپ قالغان ئانىسى بىلەن قايتىدىن ئالاقىلىشىش قاتارلىق ۋەدىلەرنى ئاڭلاپ ئىككىلىنىپ قالغانلىقىنى، ئەمما يەنىلا ۋىجدانى يول قويمىغانلىقتىن بۇ ئىشنى قىلمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1093 قېتىم كۆرۈلدى
21/02/2023 15:54:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق