ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرى ئەركىن تۇنىيازنى قولغا ئېلىشنى تەلەپ قىلغان

ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرى ئەنگلىيەگە زىيارەتكە كەلمەكچى بولغان قورچاق ئەمەلدار ئەركىن تۇنىياز «ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايى قىلمىشى» بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكىنى، شۇڭا ئۇنى قولغا ئېلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى»نىڭ قورچاق رەئىسى ئەركىن تۇنىيازنىڭ ئالدىنقى ھەپتە ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ئەنگلىيە ۋە بىر قانچە ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنى زىيارەت قىلىش مەسىلىسى ئەنگلىيەدە قاتتىق غۇلغۇلا پەيدا قىلغانىدى.

ئەنگلىيە «مۇستەقىل گېزىتى»نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تاشقى ئىشلار ۋەزىرى لېئو دوچېرتىي پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ تەلەپلىرى ۋە نارازىلىقى سەۋەبلىك قورچاق ئەمەلدار ئەركىن تۇنىيازغا زىيارەت جەريانىدا ئۇنىڭغا جازا بېرىش، ۋىزىنى رەت قىلىش ياكى تاموژنىدا قولغا ئېلىشنى قارار قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ قالغان.

2021-يىلى ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرى چەكلەش كۈچى بولمىغان تۆۋەن پالاتا قانۇن لايىھەسىنى تەستىقلىغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرگە قارشى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى» سادىر قىلغانلىقىنى جاكارلىغان. ئۆز ۋاقتىدا كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ سابىق رەھبىرى ئېين دانكېن سىمىس  تەپتىش مەھكىمىسىگە يازغان مەكتۇپىدا: «خىتاي ئەمەلدارلىرىغا قارشى خەلقئارادا جازا تۈزۈمى بولمىغان ئەھۋالدا، بىز بارلىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىن قىلىش جىنايىتى سادىر قىلغۇچى جىنايەتچىلەرنىڭ جاۋابكارلىققا تارتىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك» دېگەنىدى.

ئېين دانكېن مەكتۇپىدا يەنە تاشقى ئىشلار ۋازارىتىنىڭ خىتايغا قارشى ئىنكاسىنىڭ بەك ئاجىز ئىكەنلىكىنى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئىنكاسى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئەركىن تۇنىيازنىڭ زىيارىتىنىڭ خىتاي تەشۋىقات ۋاستىلىرى تەرىپىدىن پايدىلىنىش خەۋپى بولۇپ قېلىشىدىن ئاگاھلاندۇرغان.

ئۇندىن باشقا تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى كونسېرۋاتىپلار پارلامېنت ئەزاسى ئالىكيا كېرنس  ئەركىن تۇنىيازنىڭ زىيارىتىگە بىلدۈرگەن نارازىلىق سۆزىدە شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى سادىر قىلغانلىقى بېكىتىلگەن ئەمەلدارنىڭ ئەنگلىيەگە كىرىشىگە يول قويۇشنىڭ ھېچقانداق قانۇنىي ئاساسى يوقلۇقىنى بىلدۈرۈپ: «بۇ ئەمەلدار ئۈچۈن قىلىنىدىغان بىردىنبىر چارە سوتقا تارتىش» دېگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 740 قېتىم كۆرۈلدى
21/02/2023 15:44:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق