ياۋروپا ئىتتىپاقى: خىتاينىڭ رۇسىيەگە قورال بېرىشى بىزنىڭ قىزىل سىزىقىمىز بولىدۇ

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەت ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتىنىڭ يۇقىرى ۋەكىلى جوسېپ بورېل خىتاينىڭ رۇسىيەنى ئۇكرائىنادا ئىشلىتىش ئۈچۈن قورال بىلەن تەمىنلىشىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قىزىل سىزىقى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بورېل ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنى بىر يەرگە جەم قىلغان ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەت كېڭىشى يىغىنىنىڭ كىرىش ئېغىزىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن.

بورېل ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكېننىڭ ئەنقەرە زىيارىتى جەريانىدا: «بىز خىتاينىڭ رۇسىيەنى ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا ئىشلىتىش ئۈچۈن قورال-ياراغ بىلەن تەمىنلەشنى ئويلىشىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىمىز» دېگەن سۆزىنى ئەسكەرتىپ، بىلىنكېنغا ئوخشاش ئۆزىنىڭمۇ خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بورېل خىتاي دىپلوماتلىرىغا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «مەن ئۇلاردىن بۇنداق قىلماسلىقنى تەلەپ قىلدىم. مەن بۇنىڭ پەقەتلا مۇناسىۋىتىمىزدىكى ئەندىشە مەنبەسىلا ئەمەس، بەلكى بىزنىڭ قىزىل سىزىقىمىز ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. ۋاڭ يىمۇ ماڭا بۇنداق قىلىشنى پىلانلىمىغانلىقىنى ئېيتتى» دېگەن.

كۆزەتكۈچىلەر نۆۋەتتە كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ۋە رۇسىيەگە بېرىلىۋاتقان جازالار سەۋەبلىك، نۆۋەتتە رۇسىيەنىڭ بىردىنبىر قوللىغۇچىسى بولۇۋاتقان خىتاينىڭ كۈنسېرى سىياسىي بېسىمغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 719 قېتىم كۆرۈلدى
20/02/2023 18:01:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق