ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن خىتاينىڭ رۇسىيەنى ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا ئىشلىتىش ئۈچۈن قورال ۋە ئوق-دورا بىلەن تەمىنلەشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ب ب س نىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بىلىنكېن CBS خەۋەرلىرى قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئاللىبۇرۇن رۇسىيەنى «ئەجەللىك ئەمەس» ياردەملەر بىلەن تەمىنلەۋاتقانلىقىنى، ئەمما بېيجىڭنىڭ «ئەجەللىك ياردەم» بىلەنمۇ تەمىنلىشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە بۇ جىددىيلىكنىڭ خىتايغا ئېغىر ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان.
خىتاي تەرەپ بولسا موسكۋا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىن ھەربىي ئەسلىھە بىلەن قوللىشىنى تەلەپ قىلغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلغان. ھازىرغا قەدەر شى جىنپىڭ رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىنى ئەيىبلىمىگەن بولۇپ، توقۇنۇشتا بىتەرەپ تۇرماقتا ۋە ئىككى تەرەپنى تىنچلىققا چاقىرماقتا.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئامېرىكىنىڭ رۇسىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىگە ئىشارەت قىلىپ تۇرۇپ سىگنال بېرىشى ۋە خىتايغا بېسىم قىلىشقا ئۇرۇنۇشى «قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان بىر ئىش» دەپ بايانات ئېلان قىلغان.
بىلىنكېن يەنە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ رۇسىيەگە يۈرگۈزگەن جازاسى ئالدىدا خىتاينىڭ موسكۋاغا قىلغان ياردىمىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە: «خىتاينىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتى داۋاملىق كۈچىيىۋاتىدۇ. خىتاي نۆۋەتتە رۇسىيەنىڭ نېفىت، تەبىئىي گاز ۋە كۆمۈر بازىرىدىكى ئەڭ چوڭ بازارلارنىڭ بىرى ھالىغا كەلدى» دېگەن.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر