جاسۇسلۇق شارى ۋەقەسىدىن كېيىن، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن بىلەن خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى تاشقى ئىشلار كومىتېتى ئىشخانىسى مۇدىرى ۋاڭ يى كۆرۈشكەن بولۇپ، كۆرۈشۈشتە ئىككى تەرەپنىڭ قاتتىق تىركەشكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
ب ب س نىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 18-فېۋرال ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن ميۇنخېن يەرشارى بىخەتەرلىك يىغىنى ھارپىسىدا، خىتاي كومپارتىيەسى سىياسىي مەركىزى تاشقى ئىشلار كومىتېتى ئىشخانا مۇدىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشكەن. خىتاي ئەمەلدارلىرى بۇ ئۇچرىشىشنىڭ ئامېرىكا تەرەپنىڭ تەلىپىگە بىنائەن غەيرى رەسمىي ھالدا ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، سۆھبەتنىڭ ئالدى-كەينىدە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك تىركىشىش كەسكىن داۋاملاشقان. جاسۇسلۇق شارى مەسىلىسىدىن كېلىپ چىققان سۈركىلىش ميۇنخېن ئۇچرىشىشىنىڭ ئاساسلىق تېمىسى بولغاندىن باشقا، رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغىچە كېڭەيگەن. ئىككى تەرەپ كۆرۈشۈشتىن بىر قانچە سائەت بۇرۇن ۋاڭ يى ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ ھاۋا شارىنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى «ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان ئىش» دېگەن سۆزلەر بىلەن ئەيىبلىگەن. سۆھبەتتىن كېيىن مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئانتونى بىلىنكېن ۋاڭ يىنى ئەگەر خىتاي رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان تاجاۋۇزچىلىق قىلمىشىغا قورال ياردىمى بەرسە، ئاقىۋىتىنىڭ ئاپەت خاراكتېرلىك بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ