ياۋروپا-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتى ئەسلىگە كەلگەن بىر پەيتتە، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى ياۋروپا-كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىنى «ئەھمىيەتسىز» دەپ ئاتىدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 38-نۆۋەتلىك ياۋروپا-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىيالوگى 17-فېۋرال بىريۇسسېلدا باشلانغان بولۇپ، مەزكۇر سۆھبەت خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىك قىلمىشلىرىنىڭ ئەۋج ئېلىشى سەۋەبلىك ئۈچ يىلدىن بېرى توختاپ قالغانىدى.
ياۋروپا ئىتتىپاقى 18-فېۋرال ئېلان قىلغان باياناتىدا بىلدۈرۈلۈشىچە، ئۇزۇن يىللار تاقالغان كىشىلىك ھوقۇق سۆھبەت يولى قايتا ئېچىلغان بولۇپ، بۇ سۆھبەت ئىككى تەرەپنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە بىر-بىرىگە يېقىنلاشقانلىقىنىڭ ئالامىتى بولغان.
ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار ئورگىنى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى پاۋلا پامپالونى بىلەن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خەلقئارا بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى سۈن لېي بايانات ئېلان قىلغان.
ياۋروپا تەرەپ باياناتىدا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىك قىلمىشىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى تىلغا ئالغان خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىك قىلمىشى پۇقرالارنىڭ ئاساسىي ئەركىنلىكىنى چەكلەش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، ئادىل قانۇن ئىجرا قىلماسلىق، مۇستەقىل ئەدلىيەنىڭ كەمچىل بولۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي-ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق دىيالوگى 1997-يىلى باشلانغان بولۇپ، ئەسلىدە ھەر ئالتە ئايدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان. ئەمما ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلىشقا قاتناشقان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا جازا يۈرگۈزگەن بولۇپ، خىتاي تەرەپ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، ياۋروپادىكى بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى ۋە ئورگانلىرىغا جازا يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. نەتىجىدە ئىككى تەرەپنىڭ داۋاملىشىپ كەلگەن كىشىلىك ھوقۇق دىيالوگى 2019-يىلى توختاپ قالغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ