6-فېۋرال تۈركىيەنىڭ قەھرىمانماراش قاتارلىق ئون ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن ئېغىر يەر تەۋرەشلەردىن كېيىن، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا مۇھاجىر بولۇپ ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىكى قىيىنچىلىق ۋە كىرىزىسلىرىغا قارىماي، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ياردەم بېرىش خىزمىتىگە تۇنجى كۈندىن باشلاپ ئاتلاندى.
خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ۋە كۆك ئاي ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى ئاپەت يۈز بەرگەن كۈندىن باشلاپ جىددىي قۇتقۇزۇش ۋە ياردەم بېرىش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ ئاپەتتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىگە ئاتلاندى ۋە شۇنداقلا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىمۇ كەڭ سەپەرۋەرلىككە چاقىردى.
بۇ ئېغىر ئاپەتتىن كېيىن پەقەتلا تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارلا ئەمەس، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ قولىدىن كېلىدىغان بارلىق ئىمكانىيەتلەر بىلەن تۈركىيەدىكى ئاپەتكە ئۇچرىغانلارغا قېرىنداشلىق مېھرىنى يەتكۈزدى.
ھازىرغا قەدەر خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى 8 مىليون لىرا قىممىتىدە نەق پۇل ۋە ماددىي ياردەم، كۆك ئاي ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى 1 مىليون 357 مىڭ لىرا نەق پۇل ۋە ئاپەت رايونىدا كېچە-كۈندۈز داۋاملىشىۋاتقان خىزمەتلەر ۋە ماددىي ياردەملەرنى سۇندى. ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار 4 مىليون لىرا، كانادا شەرقىي تۈركىستان فېدېراتسىيەسى 282 مىڭ لىرا، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار 680 مىڭ لىرا، شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسى 100 مىڭ لىرا، قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار 2 مىليون 546 مىڭ لىرا، شەرقىي تۈركىستان كۈلتۈر ۋە مەدەنىيەت جەمئىيىتى بىر مىليون لىرا قىممىتىدە ماددىي ياردەم، ۋېنگىرىيە ئۇيغۇر ئىسلام مەركىزى 188.500 لىرا، ئىلى مەشرەپ ۋەقفى 120 مىڭ لىرا، پىدائىيلار گۇرۇپپىسى 130 مىڭ لىرا ئىئانە قىلغاندىن سىرت، تۈركىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان تەشكىلاتلار شەرقىي تۈركىستان خەلقى نامىدا ھەر كۈنى 7000 كىشىلىك پولۇ تارتقان بولۇپ، چىقىمى تەخمىنەن تۆت يېرىم مىليون لىراغا يەتكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ