ئامېرىكا خىتاينى رۇسىيەنى قورال-ياراغ بىلەن قوللىماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى

ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن پېرىزدېنتى كامالا ھارىس گېرمانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن 59-نۆۋەتلىك ميۇنخېن بىخەتەرلىك كېڭىشى يىغىنىدا رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، خىتاينى رۇسىيەگە قورال-ياراغ بىلەن ياردەم قىلماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى ۋە رۇسىيەنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىگە ئالاقىدار مەسىلىلەردە ئامېرىكانىڭ ئۇكرائىناغا ياردەم قىلىدىغانلىقىنى، جىنايەتچىلەرنىڭ ۋە بۇ جىنايەتكە چېتىشلىقلارنىڭ جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 

نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ھارىس سۆزىدە يەنە رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا پۇقرالىرىغا قاراتقان كەڭ كۆلەملىك جىنايەتلىرىگە جاۋابكار ئىكەنلىكىنى، بۇ جىنايەتلەر قاتىللىق، قىيناش ۋە مەجبۇرىي چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش قاتارلىقلار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ھارىس ئامېرىكانىڭ ئۇكرائىناغا كېرەكلىك بولغان ياردەملەرنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىش بىلەن بىرگە، خىتاي-رۇسىيە مۇناسىۋىتى ئۈستىدە توختىلىپ، رۇسىيە دائىرىلىرىنىڭ رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىن كېيىن خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرغانلىقىدىن ئەندىشە ھېس قىلغانلىقىنى ئېيتقان.

ھارىس سۆزىنىڭ ئاخىرىدا خىتاينى رۇسىيەگە قورال-ياراغ بەرمەسلىككە چاقىرىش بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ بۇ مەسىلىدىكى ھەرقانداق بىر ھەرىكىتىنىڭ خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلغان تەرتىپنى بۇزىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 584 قېتىم كۆرۈلدى
20/02/2023 16:50:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق