خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن كۆك ئاي ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى تەييارلىغان ياردەم بۇيۇملىرى بىر يۈك ماشىنىسىغا بېسىلىپ، 15 كىشىلىك قۇتقۇزۇش ياردەم گۇرۇپپىسى بىلەن بىرلىكتە يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئادىيامان ۋىلايىتىگە قاراپ يولغا چىقتى.
ئىگىلىنىشىچە، ھازىرغا قەدەر ئاپەت رايونىغا ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئىستانبۇل، قەيسەرى، كونيا ۋە ئانتالىيەدىن ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋە ياردەم بېرىش ئىشلىرىغا كەم دېگەندە 500 ئۇيغۇر پىدائىي قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار قەھرىمانماراش، ئادىيامان ۋە ئوسمانىيە قاتارلىق يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان رايونلاردا دۆلەتنىڭ ئىزدەش-قۇتقۇزۇش ۋە توشۇش-يەتكۈزۈش خىزمىتىگە ياردەم بەرگەن. يەنە بىر قانچە رايوندا ئۇيغۇر پولۇسى ئېتىپ، ھەر كۈنى 10 مىڭغا يېقىن كىشىنى ئىسسىق تاماق بىلەن تەمىنلىگەن.
15-فېۋرال ئۆتكۈزۈلگەن «بىر قەلب» ئىئانە قىلىش پائالىيىتىدە ئاپەت رايونىغا خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ۋە شەرقىي تۈركىستان كۆك ئاي ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى ۋەدە قىلغان ياردەم بۇيۇملىرىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ئاپەت رايونىغا يوللىدى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان كۆك ھىلال ئاي ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇرېھىم ئەزىزئوغلى تۈركىيە دىنى ئىشلار باشقارمىسىنىڭ چاقىرىقى بىلەن بىر يۈك ئاپتوموبىلغا قاچىلانغان ياردەم بۇيۇملىرىنىڭ 18-فېۋرال چۈشتىن كېيىن يولغا چىقىدىغانلىقىنى، ياردەم بۇيۇملىرىنىڭ 23 يەشىك پېچىنە، قوشۇمچە يېمەكلىك، 1500 دىن ئارتۇق ئەدىيال، 21 مىڭ 312 ئىچ كىيىم، 204 مىڭ 192 پايپاق قاتارلىقلاردىن تەشكىل تاپىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر ئاياللىرى تەييارلىغان يېمەكلىكلەرنىڭمۇ بار ئىكەنلىكىنى، ياردەم بۇيۇملىرى قاچىلانغان يۈك ئاپتوموبىلى بىلەن بىرلىكتە 15 كىشىلىك ئاپەت رايونىغا ياردەم بېرىش گۇرۇپپىسىنىڭ بىرگە يولغا چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ