ھەرقايسى دۆلەتلەر ئۇرۇشتا سۈنئىي ئىدراك تېخنىكىسى ئىشلىتىشكە ئالاقىدار قائىدە بەلگىلەشكە چاقىرىق قىلدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا ۋە خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى ئەللەر 16-فېۋرال جىددىي ھەرىكەت قوللىنىپ، ئۇرۇشتا سۈنئىي ئىدراك تېخنىكىسى ئىشلىتىشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، بۇ تېخنىكىنىڭ ئويلىمىغان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا چاقىرغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، گائاگادا ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى كۈنلۈك يىغىنغا 60 نەچچە دۆلەت قاتناشقان بولۇپ، يىغىندا ئۇرۇش مەيدانىدا سۈنئىي ئىدراك ئىشلىتىشنىڭ خەلقئارالىق قائىدىلىرىنى ئورنىتىش مەسىلىسىدە تۇنجى قەدەم تاشلانغان. بۇ بىر يۈرۈش قائىدىلەرنى ئورنىتىشتىكى مەقسەت خىمىيەلىك ۋە يادرو قوراللىرىنى ئىشلىتىشنى قېلىپلاشتۇرىدىغان كېلىشىملەرنى تۈزۈش ئىكەن.
يىغىنغا قاتناشقان دۆلەتلەرنىڭ بىرلەشمە ھەرىكەت چاقىرىقىدا، سۈنئىي ئىدراكنىڭ غايەت زور پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقى، بۇنىڭ پەۋقۇلئاددە يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە تېخنىكا ئىكەنلىكى، ئىنسانلارنىڭ ئىلگىرى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدىغان مىقداردىكى سانلىق مەلۇماتلاردىن پايدىلىنىپ تەدبىر بەلگىلىشىگە پايدىلىق ئىكەنلىكى، ئەمما بۇ تېخنىكا ھەربىي ئىشلاردا ئىشلىتىلگەن تەقدىردە ئىنسانلارنى ئەندىشىگە سالىدىغانلىقى، سۈنئىي ئىدراك سىستېمىسىنىڭ يوشۇرۇن خەۋپى بارلىقى ۋە ئۇرۇشتا ئىشلىتىلسە ئويلىمىغان ئاقىۋەتلەر پەيدا قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
ھۆكۈمەت، تېخنىكا شىركەتلىرى ۋە پۇقرالار جەمئىيىتىدىن كەلگەن 2000 دەك ۋەكىل خەلقئارالىق كومىتېت قۇرۇپ، سۈنئىي ئىدراكنىڭ ئۇرۇشتا ئىشلىتىلىش مەسىلىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، بەزى كۆرسەتمىلەرنى تۈزۈشكە قوشۇلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، ئارمىيەلەردە سۈنئىي ئىدراك ئاللىقاچان رازۋېدكا قىلىش، نازارەت قىلىش ۋە تەھلىل قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەندىن باشقا، قارشى تەرەپنى ئاپتوماتىك نىشانغا ئېلىش، بىر توپ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى دۈشمەن زېمىنىغا ئەۋەتىش قاتارلىق ساھەلەردە ئىشلىتىش مۇمكىن ئىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ