خىتاي ئامېرىكىغا قارشى بايانات ئېلان قىلدى

خىتاي رېجىمى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ «خىتاينىڭ ئامېرىكا ھاۋا بوشلۇقىدا ھاۋا شارى ئىشلەتكەنلىكى توغرىسىدىكى قارار لايىھەسى»نى ماقۇللىغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

خىتاي سىياسىي مەسلىھەت تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 16-فېۋرال ئامېرىكا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسى ماقۇللىغان مەزكۇر قارار لايىھەسىگە «خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى» تاشقى ئىشلار كومىتېتى نارازىلىق باياناتى ئېلان قىلغان بولۇپ، باياناتتا مەزكۇر قارار لايىھەسىدە خىتاي تەھدىتىنىڭ قەستەن كۆپتۈرۈلگەنلىكى، ئۇنىڭ پۈتۈنلەي يامان غەرەزلىك سىياسىي نەيرەڭۋازلىق ئىكەنلىكى، خىتاينىڭ بۇنى ئەيىبلەيدىغانلىقى ۋە قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقى دەۋا قىلىنغان.

خىتاي باياناتنىڭ ئاخىرىدا يەنە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدىغان، تىنچلىقتا بىللە تۇرىدىغان، ھەمكارلىشىپ ئورتاق مەنپەئەتلىنىدىغان خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنىڭ ئىككى تەرەپ خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكى، شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئارزۇسى ئىكەنلىكى، ئامېرىكا پارلامېنتىنى خىتايغا قارا چاپلايدىغان خاتا ئۇسۇلنى دەرھال توختىتىپ، ۋەزىيەتنىڭ دەرىجىسىنى كۈچەيتىۋېتىدىغان ھەرىكەت قوللانماسلىققا چاقىرىدىغانلىقى ھەققىدە جار سالغان.

ئامېرىكا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسى 16-فېۋرال «خىتاينىڭ ئامېرىكا ھاۋا بوشلۇقىدا جاسۇسلۇق شارى ئىشلەتكەنلىكى توغرىسىدىكى قارار لايىھەسى»نى ماقۇللىغان. قاراردا بۇ مەسىلىنى ئاخىرىغىچە تەكشۈرۈپ، خىتاينىڭ بۇ مەسىلىدە قانداق ھىيلە-نەيرەڭلەرنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى ئېنىقلاش تەلەپ قىلىنغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 768 قېتىم كۆرۈلدى
18/02/2023 14:22:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق