فىلىپپىن پىرېزىدېنتى فېردىناند ماركوس ئالدىنقى ئايدا شىۋېيتسارىيەنىڭ داۋوس شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىدە قىلغان سۆزىدە: «فىلىپپىن بىر سانتىمېتىر زېمىنىنى تارتقۇزۇپ قويمايدۇ» دېگەن بولۇپ، ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە پىرېزىدېنت ماركوسنىڭ بۇ سۆزىنى قايتا تەكىتلىگەنلىكى ۋە ئۇنىڭ بۇ سۆزىنىڭ فىلىپپىن بىلەن خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا داۋاملىشىۋاتقان زېمىن ماجىراسى جىددىي داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
بىلدۈرۈلۈشىچە، فىلىپپىن بۇ ھەپتە خىتاينى «تاجاۋۇزچى» دەپ ئاتاپ نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكى سەۋەبلىك، جەنۇبىي دېڭىزدا ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان زېمىن ماجىراسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتكەن.
ماركوس ھەربىي مەكتەپ تەشكىللىگەن پائالىيەتتە سۆز قىلىپ: «دۆلەتنىڭ گېئوپولىتىكىلىق جىددىيچىلىكىنىڭ كۈچىيىشى بىزنىڭ تىنچلىق غايىمىزغا ماس كەلمەيدۇ. بۇ ئەھۋال رايون ۋە دۇنيانىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىغا تەھدىت سالىدۇ» دېگەن.
ئۇ سۆزىدە يەنە: «فىلىپپىن بىر سانتىمېتىر زېمىنىنى قولدىن بېرىپ قويمايدۇ، بىز ئاساسىي قانۇن ۋە خەلقئارا قانۇنلار بويىچە زېمىن پۈتۈنلۈكىمىز ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىمىزنى داۋاملىق قوغدايمىز. قوشنىلىرىمىز بىلەن ھەمكارلىشىپ، خەلقىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىمىز» دېگەن.
14-فېۋرال پىرېزىدېنت ماركوس خىتاينىڭ فىلىپپىندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى خۇاڭ شىليەننى چاقىرتىپ، خىتاينىڭ فىلىپپىن دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى ۋە فىلىپپىن دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت پاراخوتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان فىلىپپىنلىق بېلىقچىلارغا قاراتقان ھەربىي لازېر نۇرى بىلەن ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق پاراخوت خادىملىرىنى قىسقا ۋاقىت كۆرمەس قىلىپ قويغانلىقىنى ئەيىبلەپ نارازىلىق بىلدۈرگەنىدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ