ھىندىستان ھۆكۈمىتى ھىندىستان-تىبەت ۋە شەرقىي تۈركىستان چېگراسىدا يەنە 9000 ئەسكەر كۆپەيتتى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ھىندىستان ھۆكۈمىتى 15-فېۋرال ھىمالايا تېغى ئېتىكىدىكى ھىندىستان-تىبەت ۋە شەرقىي تۈركىستان چېگراسىدىكى ئەمەلىي كونترول لىنىيەسىنى قوغداش ئۈچۈن، 4.1 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا تاغ تونېلى ياساش پىلانىنى تەستىقلاش بىلەن بىرگە، چېگراغا يەنە 9000 ئەسكەر ئەۋەتىشنى قارار قىلغان.
ھىندىستان بىرلەشمە ئۇچۇر ۋە تارقىتىش مىنىستىرى ئانۇراگ تاگور مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا: «ھىندىستان-تىبەت چېگراسىغا تۇتىشىدىغان تاغ تونېلى يولىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 283 كىلومېتىر. بۇ يول ئېلىنغاندا لاداخقا بىر يىلدىكى ھەر قانداق ۋاقىتتا بارغىلى ۋە زىيارەت قىلغىلى بولىدۇ» دېگەن.
ئانۇراگ تاگور چېگرا مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ھىندىستاننىڭ يەنە قاتتىق تاغ ئۇرۇشى مەشىقى قىلغان 9000 ساقچى ۋە ئەسكەرنى ھىندىستان-تىبەت چېگرا رايونىغا ئەۋەتىدىغانلىقىنى، 17 مىليارد رۇبلى مەبلەغ سېلىپ تاغ ئارقىلىق تونېل ۋە مۇناسىۋەتلىك يوللارنى ياساپ چىقىدىغانلىقىنى، تونېل ۋە يوللارنىڭ 2025-يىلى 12-ئايغىچە تاماملىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ھىندىستاننىڭ لاداخ رايونىغا تەخمىنەن 50 مىڭ ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھىندىستان بىلەن خىتاي چېگرا رايونلىرىنى قوغداشنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، ئەسكەرلەرنى زور دەرىجىدە كۆپەيتكەن. چېگراغا يېڭى قورال ۋە ئۈسكۈنىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپلا قالماي، يەنە تاشيول، تونېل، گازارما ۋە باشقا ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قىلىشنى كۈچەيتكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ