تۈركىيەدىكى ئېغىر يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىن ئاپەتكە ئۇچرىغانلارغا ئاتاپ باشلانغان ياردەم سەپەرۋەرلىكى تۈركىيە ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا جىددىي داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقى ۋە تەشكىلاتلارمۇ ۋە ئاپەتنىڭ بىرىنچى كۈنىدىن باشلاپ ھەم ئاپەت رايونىدا خىزمەت قىلماقتا، ھەم ئىقتىسادىي ياردەم سەپەرۋەرلىكىنى داۋاملاشتۇرماقتا. شۇنداقلا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقى ۋە تەشكىلاتلارمۇ قولىدىن كېلىدىغان پۈتۈن ئىمكانىيەتلەر بىلەن ئاپەتكە ئۇچرىغانلارغا ياردەم قولىنى سۇنماقتا. جۈملىدىن تۈركىيەدە ئاپەتكە ئۇچرىغانلارغا ئاتاپ باشلانغان «بىر قەلب» ئىئانە توپلاش پائالىيىتىگە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىر مىليون لىرا ئىئانە قىلدى. شۇنداقلا قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار 95 مىڭ دوللار، مەدىنە بازىرىدىكى ئۇيغۇرلار 40 مىڭ دوللار بولۇپ، جەمئىي 135 مىڭ دوللار (2.546.000 لىرا) ئىئانە قىلدى.
ياردەم سەپەرۋەرلىكى ھېلىھەم داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقى پۈتۈن كۈچى بىلەن تۈرك خەلقىنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە. شۇنداقلا ئاپەت رايونىدىكى ھەرقايسى شەھەرلەردە خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر پىدائىيلارمۇ كېچە-كۈندۈز خىزمەت قىلماقتا.
نۆۋەتتە تۈركىيەنىڭ 10 ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدە قازا قىلغانلار 38 مىڭ 44 كىشىگە، يارىلانغانلار 108 مىڭ 68 گە يەتتى. ئاپەت رايونلىرىدا ئىزدەش-قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى ھېلىھەم داۋاملاشماقتا.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر