خىتاي مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنى داۋاملاشتۇرۇش پىلانىنى ئېلان قىلدى

شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاتالمىش مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ دىن ئىشلىرى ئىدارىسى يېقىندا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مەدەنىيىتى، مىللىي خاسلىقى ۋە دىنىي كىملىكىنى يوقىتىش مەقسىتىدە، ئاتالمىش «14-بەش يىللىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتىدىكى نەمۇنە رايون بەرپا قىلىش يىرىك پىلانى»نى بېسىپ تارقاتقان. 

خىتاي يېقىنقى يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى، جۈملىدىن مەدەنىيەت قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يالغان تەشۋىقاتلىرى ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەتتىن يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇش بىلەن بىرگە، بىمالال ھالدا ئاتالمىش «ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، ئىسلام دىنىنى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش» قاتارلىق تېررور سىياسەتلىرىنى ئىجرا قىلماقتا. بۇ قېتىم دىنىي ئىشلار ئىدارىسى ئېلان قىلغان پىلاندا شەرقىي تۈركىستاندا ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش» دېگەن سەپسەتىلەر تەكىتلەنگەن.

قاراماي تېز خەۋەرلىرى تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، مەزكۇر پىلاندا سىياسىي ئورتاق گەۋدە، ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدە، مەدەنىيەت ئورتاق گەۋدىسى، جەمئىيەت ئورتاق گەۋدىسىدىن ئىبارەت تۆت جەھەتتىن پىلان تۈزۈپ ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىدىغانلىقى، شەرقىي تۈركىستاننى ئاتالمىش «14-بەش يىل» مەزگىلىدە خىتاي بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتىدىكى نەمۇنە رايون قىلىپ قۇرۇشنى پىلانلاپ، پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئوبلاست، ۋىلايەت، شەھەرلەرنى نۇقتىلىق ئالغا سىلجىتىلىدىغان رايون، چوڭقۇر كېڭەيتىلىدىغان رايون ۋە مۇستەھكەملەپ يۈكسەلدۈرۈلىدىغان رايوندىن ئىبارەت ئۈچ رايونغا ئايرىپ، 2025-يىلىغا بارغاندا، پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاننى خىتاي بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتىدىكى ئۈلگە رايون قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش تەكىتلەنگەن.

خىتاي ئىسلام دىنىغا قارشى تېررور سىياسىتىنى تېز سۈرئەتتە ئىجرا قىلىۋاتقان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاندا ھازىرغا قەدەر 16 مىڭغا يېقىن مەسچىت چېقىۋېتىلدى ياكى بۇزۇۋېتىلدى. شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئىسلام دىنىدىن پۈتۈنلەي ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلاندى. خىتاي رېجىمى بۇ قېتىم ئېلان قىلغان ئاتالمىش «يىرىك پىلان» ئارقىلىق، ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى داۋاملىق ئىجرا قىلىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1332 قېتىم كۆرۈلدى
17/02/2023 18:19:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق