خىتاي ئامېرىكىنىڭ ئىككى شىركىتىگە جازا يۈرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلدى

خىتاي ئامېرىكىنىڭ ئىككى چوڭ دۆلەت مۇداپىئە ھۆددىگەرلىك شىركىتىنى جازالىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 16-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي سودا مىنىستىرلىقى 16-فېۋرال ئامېرىكىنىڭ لوكھىد مارتىن ۋە رېيسيون تېخنولوگىيەسى ناملىق ئىككى چوڭ شىركىتىنى «ئىشەنچسىز ئورۇنلار تىزىملىكى» گە كىرگۈزگەن بولۇپ، مەزكۇر چەكلىمە ئارقىلىق ئىككى شىركەتنىڭ خىتايغا مۇناسىۋەتلىك ئىمپورت-ئېكسپورت سودا پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشىنى چەكلەيدىكەن.

خىتاي بىر يىل ئىلگىرى ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر ئىككى مۇداپىئە ھۆددىگەرلىك شىركىتىنىڭ تەيۋەنگە 100 مىليون دوللارلىق قورال ساتقانلىقى سەۋەبلىك جازا يۈرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلغانىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا ئارمىيەسى 4-فېۋرال ئامېرىكىنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلغان خىتاينىڭ جاسۇسلۇق شارىنى ئېتىپ چۈشۈرگەندىن كېيىن، بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئالتە خىتاي ئورگىنىنى جازالىغانىدى. خىتاي بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ئامېرىكا ئورگانلىرىغا قارشى تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.

بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ئېلان قىلغان مەزكۇر جازالاش قارارى ئامېرىكىدىن ئۆچ ئېلىش بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا خىتاي سودا مىنىستىرلىقى ئامېرىكىنىڭ خىتاي شىركەتلىرىنى نامۇۋاپىق باستۇرۇشىنى توختىتىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقى ۋە مەنپەئەتىنى قوغدايدىغانلىقىنى دەۋا قىلغانىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 637 قېتىم كۆرۈلدى
17/02/2023 17:19:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق