كانادا ھۆكۈمىتى 14-فېۋرال خىتاينىڭ ھەربىي ۋە بىخەتەرلىك ئورگانلىرىغا سېلىنىۋاتقان مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات مەبلىغىنى توختىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، كانادانىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىلىم-پەن ۋە سانائەت مىنىستىرى فىرانسوۋا فىلىپپ شامپېينى، سەھىيە مىنىستىرى ژان يىۋېس دۇكلوس ۋە ج خ مىنىستىرلىقى قاتارلىقلار بىرلىكتە بايانات ئېلان قىلغان بولۇپ، باياناتتا: «سەزگۈر ساھەگە چېتىشلىق تەتقىقات تۈرلىرىگە مەبلەغ ئىلتىماس قىلىش مەسىلىسىدە، ئەگەر بۇ تۈردە ئىشلەۋاتقان ھەر قانداق تەتقىقاتچى كانادا دۆلەت بىخەتەرلىكىگە خەۋپ ئېلىپ كېلىدىغان دۆلەتنىڭ ئارمىيە، مۇداپىئە ياكى دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنى ۋە تەجرىبىخانىسى بىلەن مۇناسىۋىتى بولىدىكەن، بۇ تۈردىكى مەبلەغكە ئېرىشەلمەيدۇ» دېيىلگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ چەكلىمە كانادا يېڭىلىق يارىتىش فوندى جەمئىيىتى ۋە كانادا فېدېراتىپ تەتقىقات ياردەم كېڭىشىدىن مەبلەغ تەلەپ قىلىدىغان تەتقىقات تۈرلىرىگە قارىتىلغانىكەن.
باياناتتا كانادانىڭ ئىلغار تەتقىقات ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ خەلقئارادا ئالدىنقى قاتاردا ئىكەنلىكى، باشقا دۆلەتلەرگە ئىشلەيدىغان تەتقىقاتچىلارنى جەلپ قىلىشى مۇمكىنلىكى، مۇھىتقا بولغان تەھدىتنىڭ داۋاملىق كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، كانادا ھۆكۈمىتى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ھەرىكەت قوللىنىشى كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
باياناتنىڭ ئاخىرىدا تەكىتلىنىشىچە، مىنىستىرلار كانادا ئۇنىۋېرسىتېت جەمئىيىتى ۋە كانادا U15 تەتقىقات ئۇنىۋېرسىتېتلىرى بىرلەشمىسىگە مەكتۇپ يېزىپ، ئۇلارنى بارلىق تەتقىقات ھەمكارلىقلىرى، بولۇپمۇ سەزگۈر تەتقىقات ساھەلىرىگە چېتىشلىق ھەمكارلىقلاردا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلىشقا چاقىرغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ